دىققەت! ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى توغرىسىدىكى بۇ قاراشلار توغرا ئەمەس! (1)
18:17:56 2024-04-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى كۆپچىلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ھوقۇق- مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇشىنىڭ ئىسپاتى، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. كىچىككىنە بىر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن كېسەل كۆرسەتكىلى، دورا سېتىۋالغىلى، تەمىنات ئالغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە كارتا بىلەن ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، باغچىلارنى ئايلىنىپ، ئاھالىلەر مۇلازىمىتىدە «بىر كارتا بىلەن بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 بىراق، ئىشلىتىش جەريانىدا كۆپچىلىكتە بىر قىسىم خاتا قاراشلار ساقلىنىۋاتىدۇ. ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى پەقەت نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا بېجىرگىلى بولامدۇ؟شەھەر ئالمىشىپ خىزمەت قىلسا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟ ئەمەلىيەت راستتىنلا شۇنداقمۇ؟ بۇ ماقالىدە سىزگە بىر- بىرلەپ جاۋاب بېرىلىدۇ.

 بىرىنچى خاتا قاراش: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى پەقەت نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىلا بېجىرگىلى بولىدۇ

 توغرا ئەمەس! باشقا جايدا بېجىرىشكىمۇ بولىدۇ!

 ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئۆلكە ئىچىدە ۋىلايەت، شەھەر ھالقىپ باشقا جايدا بېجىرىش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كۆپ قىسىم رايونلاردا يەنە ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى توردا ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى. 2021- يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنى، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى «ئۆلكە ھالقىپ بىر تۇتاش بېجىرىش» مۇلازىمىتى رەسمىي يولغا قويۇلدى، ئامما دۆلەت ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى، ئالىقاندىكى 12333APP كۆچمە تېرمىنالى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، توردا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ھەمدە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارىنى قوزغىتىش، تولۇقلاپ ئالماشتۇرۇش، ۋاقىتلىق يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش، كارتا بېجىرىش سۈرئىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق «ئۆلكە ھالقىپ بىر تۇتاش بېجىرىش» مۇلازىمىتىنى بېجىرەلەيدۇ، توردا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، كارتا پوچتىدىن ئۆيىگە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.

 ئىككىنچى خاتا قاراش: شەھەر ئالمىشىپ خىزمەت قىلسا جەزمەن ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك

 ئۇنداق ئەمەس! ئۆلكە ئىچىدە ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك.

 ھازىر مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۆلكىلەر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئۆلكە ئىچىدە ۋىلايەت، شەھەر ھالقىپ ئورتاق ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، كارتا ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز، كونكرېت ئەھۋال توغرىسىدا ھەرقايسى جايلاردىكى 12333كە تېلېفون بېرىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

 ئۈچىنچى خاتا قاراش: ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئالغاندىن كېيىن، ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ كېرىكى قالمايدۇ

 خاتا! كېرىكى بولۇپلا قالماي، يەنە ياخشى ساقلاش كېرەك!

 ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئالغاندىن كېيىن، ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى يەنىلا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

 ئىككى ئۆلچەملىك كودنى كۆرسىتىش ياكى سايىلەش ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بېتىدىكى ئىقتىدار كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تور سىرتىدا ئىشلىتىشكە تەسىر يەتمەيدۇ. ئەگەر سىرتقا چىققاندا ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالسا، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

 ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى يىتۈپ كەتكەندىن كېيىن يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى شۇ كىشى ھوقۇق بەرگەندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. چوقۇم ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ياخشى ساقلاش كېرەك.

 تۆتىنچى خاتا قاراش: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ ئالسا، توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىشلىتىشكە تەسىر يېتىدۇ

 ئەنسىرىمەڭ! ئىشلىتىشكە تەسىر يەتمەيدۇ!

 ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ھوقۇق بەرگەن كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشقا ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ يوللار دۆلەت ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى، گوۋۇيۈەن ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى كىچىك پىروگراممىسى، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى APPسى، «ئالىقاندىكى 12333»، سودا- سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، قاتناش بانكىسى، پوچتا پۇل ئامانىتى بانكىسى، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، ئامانلىق بانكىسى قاتارلىق ھەر قايسى چوڭ بانكىلار، جىفۇباۋ، ۋېيشىن، يۈنشەنفۇ قاتارلىق 30 مەملىكەت خاراكتېرلىك يولنى، ھەمدە 300دىن ئارتۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ۋە باشقا ھۆكۈمەت تارماقلىرى يولى، 100دىن ئارتۇق بانكا ۋە جەمئىيەت يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 2021- يىلىدىن باشلاپ، شەخسلەر 3- ئەۋلاد ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالغاندا، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشنى ماس قەدەمدە تاماملايدۇ. كارتا ئىگىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى جىفۇباۋ كىچىك پىروگراممىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بانكىلارنىڭ APPسى، كارتا تارقاتقان جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى APP (كونكرېت شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ ئېلانى ئۆلچەم قىلىنىدۇ)سى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، ئۆزى ھوقۇق بەرگەندىن كېيىن ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى بىۋاسىتە ئىشلەتسە بولىدۇ.

 شەخسلەر كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ ئالسىمۇ، بىرلا يول ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ ئالسىمۇ بولىدۇ؛ مەلۇم بىر يولدا باغلىنىش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، باشقا يوللاردا ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىشلىتىشكە تەسىر يەتمەيدۇ.

 (داۋامى بار)

 پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125