4- ئاينىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى
سىز «1- ماي»بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى كۈتۈشنى باشلىدىڭىزمۇ؟
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2024- يىللىق
بىر قىسىم بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن
2024- يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە:
5- ئاينىڭ 1- كۈنى (چارشەنبە)دىن 5- ئاينىڭ 5- كۈنى (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4- ئاينىڭ 28- كۈنى (يەكشەنبە)، 5- ئاينىڭ 11- كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
بىللە كۆرۈپ باقايلى
بۇ يىل شىنجاڭدىكىلەرنىڭ يەنە قانداق دەم ئېلىشلىرى بار
دۇەنۋۇ بايرىمى: 6- ئاينىڭ 10- كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، شەنبە، يەكشەنبە ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ، جەمئىي ئۈچ كۈن.
قۇربان ھېيت: 6- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، شەنبە، يەكشەنبە ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.
جۇڭچيۇ بايرىمى: 9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 9- ئاينىڭ 14- كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
دۆلەت بايرىمى: 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 9- ئاينىڭ 29- كۈنى (يەكشەنبە)، 10- ئاينىڭ 12- كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.