4- ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئەتىياز پەسلىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، كۈنەس ناھىيەسىدىكى ئوتلاقلار ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، يېشىللىققا پۈركەندى. 4- ئاينىڭ 15- كۈنى، جاۋۇر تېغىدىكى تۈرلۈك كىچىك گۈللەرمۇ پورەكلەپ ئېچىلىپ، يېشىل چىملىقنى زىننەتلەپ، ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرىپ، ساياھەتچىلەرنى باھار سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى 4-، 5-، 6- ئايلاردا، كۈنەس ناھىيەسىدىكى ئوتلاقلاردا ئۆرۈك چېچىكى، شىرىشگۈل، ئاق زەپە، ياۋا كۈركۈم گۈلى، تىيانشان زاراڭزىسى قاتارلىق تۈرلۈك گۈللەر ئارقا- ئارقىدىن ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ باھار سەيلىسى قىلىدىغان ياخشى جايىغا ئايلىنىدىكەن.
(كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جاڭ ۋېنتىڭ)
پايدىلانغان مەنبە: كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)