ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئامبۇلاتورىيەدە ئۆزئارا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش چارىسى» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىنىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ بىر تۇتاش غەملىمە فوندىدىن 1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىگە چىقىم قىلىش نىسبىتىنى بىردەك 5 پىرسەنت پوئىنت ئۆستۈرۈش، يىللىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكىنى 3000 يۈەندىن 4000 يۈەنگە تەڭشەش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
«يولغا قويۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملارنىڭ بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەلگە دىياگنوز قويدۇرۇش، داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق كۆرۈلگەن سىياسەت دائىرىسىدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ بىر قېتىمدا بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەنىڭ يىللىق چەك سوممىسى ئىچىدە بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن نىسبەت بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ. ھەرقايسى بىر تۇتاش غەملەيدىغان رايونلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت ئۆلچەمنى بېكىتىدۇ.
ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىشتىكى بىر قېتىملىق باشلىنىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە تەڭ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كېسەلخانىدا يېتىش خىراجىتىنى چىقىم قىلىشتىكى باشلىنىش ئۆلچىمىنىڭ %10ى بويىچە بېكىتىلىدۇ، كۆپ قېتىم ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدە داۋالانغانلارنىڭ ئىككىنچى قېتىمدىن باشلاپ تۇنجى قېتىملىق كېسەلخانىدا يېتىش خىراجىتىنى چىقىم قىلىشتىكى باشلىنىش ئۆلچىمىنىڭ %5ىگە تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ 1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى بىر قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى سوممىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 300 يۈەن، 800 يۈەن، 1300 يۈەن قىلىپ بېكىتىلىدۇ؛ يىللىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى پىرىنسىپ جەھەتتە 4000 يۈەن قىلىپ بېكىتىلىدۇ. ئامبۇلاتورىيەدە ئۆزئارا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، فوندنىڭ يۈرۈشۈشىگە، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ.
1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %80، %70، %60 بولىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پېنسىيەگە چىققان خادىملارغا داۋاملىق 5 پىرسەنت پوئىنت مايىللاشتۇرۇلىدۇ. دەرىجىسى بېكىتىلمىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىرىنچى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.
«يولغا قويۇش چارىسى» 2024- يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئامبۇلاتورىيەدە ئۆزئارا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسىنى تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى [2021] 115- نومۇرلۇق) شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئامبۇلاتورىيەدە ئۆزئارا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسىنى تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى [2021] 115- نومۇرلۇق) بويىچە بولغاندا، بىر قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى سوممىسى پىرىنسىپ جەھەتتە تەڭ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كېسەلخانىدا يېتىش خىراجىتىنى چىقىم قىلىشتىكى باشلىنىش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلەتتى، يىللىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى سوممىسى پىرىنسىپ جەھەتتە 3000 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەنىدى. 1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %75، %65، %55 ئىدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)