شىنجاڭلىق ئىككى ئالتۇن ئۆسمۈر تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىقتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) 4- ئاينىڭ 16- كۈنى كەچتە، U23 ئاسىيا لوڭقىسى تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى 0گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى. 2022- يىلى «جۇڭگو ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەفىردىن ئەسقەر بىلەن 2023- يىللىق «جۇڭگو ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى بەھرام ئابدۇۋەلى تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىقتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بەھرام بىر قېتىم ياردەمچى پاس بېرىپ، بىر قېتىم ۋاراتارغا توپ تەپتى، بۇ ئىككى توپ قارشى تەرەپ ۋاراتارىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ناھايىتى ئەپسۇس، قارشى تەرەپ ۋاراتارى توپنى ئۇرۇپ چىقىرىۋەتتى.
ئەفىردىن (ئالدىنقى رەت سولدىن ئىككىنچى) بىلەن بەھرام (كېيىنكى رەت ئوڭدىن ئىككىنچى) تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىقتى. سۈرەت مەنبەسى: جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى
بۇ نۆۋەتلىك U23 ئەرلەر ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى قاتاردا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى ياپونىيە، كورېيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كوماندىلىرى بىلەن بىرلىكتە B گۇرۇپپىغا بۆلۈندى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە جەمئىي 16 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، بىرىنچىلىكتىن ئۈچىنچىلىككىچە ئېرىشكەن كوماندىلار 2024- يىلىدىكى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ، 4- بولغان كوماندا ئافرىقا رايونىدىكى كوماندا بىلەن قوشۇمچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سانىنى تالىشىدۇ.
ئەفىردىن ئوخچۇپ چىقىپ توپ ئۇرماقتا. سۈرەت مەنبەسى: جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى
جۇڭگو دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى ۋە 22- كۈنى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كورېيە كوماندىسى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئەگەر رەقىبلىرىنى يېڭەلىسە، يەنىلا سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرەلىشى مۇمكىن.
بەھرام ياپونىيە توپچىسى بىلەن بولغان تىركىشىشتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. سۈرەت مەنبەسى: جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)