شىنجاڭدىكى تۇنجى بەش قەۋەتلىك قۇراشتۇرما ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈك يىل ئىچىدە تۇتاشتۇرۇلىدۇ
12:57:03 2024-04-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي) ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش قەۋەت يولى قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان ئەنەنچۈ ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشىدا يېقىندا ئومۇميۈزلۈك ئىش ئەسلىگە كەلدى. بۇ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بەش قەۋەتلىك قۇراشتۇرما ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈك بولۇپ، ھازىر دەسلەپكى شەكلى پۈتتى، يىل ئىچىدە تۇتاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانلاندى.

ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش قەۋەت يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى. سۈرەتنى زىيارەت قىلغۇچى ئورۇن تەمىنلىگەن

 قۇراشتۇرما كۆۋرۈك دېگەن نېمە؟ ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، كۆۋرۈك ياساش جەريانىدا، كۆۋرۈكنىڭ ئۈستۈنكى قۇرۇلمىسى ھەم قىسمەن ئاستىنقى قۇرۇلمىسى (تىك تۈۋرۈك ۋە لىم) زاۋۇت ئالدىن تەييارلاپ قويغان قۇرۇلما دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. مەسىلەن، كۆپچىلىك كۆرەلەيدىغان تىك تۈۋرۈك، لىم، كىچىك ساندۇقسىمان لىم ۋە سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش بىخەتەرلىك رېشاتكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زاۋۇتتا ئالدىن ياسىلىپ، ئاندىن قۇرۇلۇش مەيدانىغا توشۇلۇپ، چوڭ تىپتىكى ئېسىپ قۇراشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق كۇبىكقا ئوخشاش قۇراشتۇرۇلىدۇ.

 شىنجاڭدىكى تۇنجى قۇراشتۇرما كۆۋرۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش قەۋەت يولى قۇرۇلۇشى غەربتە ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدىكى ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ، شەرقتە ئەنەنچۈ ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكى، بېيجىڭ يولى، چاڭچۇن يولى، خۇجوۋ يولى، شەرقىي ۋوگزال يولى، خۇەنيۈەن يولىنى بېسىپ، ساي تېز سۈرئەتلىك يولى ۋە ئەنەنچۈ ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكدە رايون يوللىرى بىلەن تۇتىشىدۇ.

4- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش قەۋەت يولى قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى شەكلى پۈتتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي فوتوسى

 ئىگىلىنىشىچە، ئايرودۇرۇمغا شەرقتىن كىرىش قەۋەت يولى قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، قەۋەت يول قوش يۆنىلىشلىك ئالتە ئاپتوموبىل يولى، يەر يۈزى يولى قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولىدىن ئالتە ئاپتوموبىل يولىغىچە بولىدىكەن. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئاساسلىقى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال بۆلەك رايونى، شەھەرنىڭ شىمالىي رايونى ھەم شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشى بىلەن ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي كىرىش ئېغىزىدىكى ئاساسلىق يىغىش- تارقىتىش يولى بولۇپ، ئايروپورت رايونىدا شەرق- غەرب يۆنىلىشىدىكى قولايلىق قاتناشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125