ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، شىنجاڭ يول تورى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى: ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (غەربىي لىنىيە) قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 4- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 7:00دىن 13:00كىچە G30 لىنىيەسى (ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى)نىڭ ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا قاراپ ماڭغان يۆنىلىشىدىكى 100 + K3587لىق ئورنىدىن K3588+100لىق ئورنىغىچە بولغان يول بۆلىكىدە يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ.
ئايلىنىپ مېڭىش لايىھەسىدە شوپۇر دوستلارغا مۇنداق ئەسكەرتىلدى: تۇرپانغا بارىدىغان يۆنىلىشتىكى بارلىق ئاپتوموبىل ئۇلانباي غەربى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئارقىلىق G312 لىنىيەسىگە كىرىپ، ئۇلانباي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئارقىلىق تۇرپانغا ماڭسا بولىدۇ. ئايلىنىپ ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىغا ئاڭلىق بويسۇنۇشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)