ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن) ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىكى ئورنى) ئاممىغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، 2024- يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 17- كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە دۆلەت ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى تۈرى بويىچە ۋاكسىنا ئەملەشتە چۈشۈپ قالغانلارنى تەكشۈرۈش، تولۇقلاپ ئەملەش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.
ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان، 2016- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2023- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە تۇغۇلغان بارلىق بالىلار دۆلەت ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى بويىچە ۋاكسىنا ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىممۇنىتېتلاش قېتىم سانىنى تولۇقلىشى كېرەك.
ۋاكسىنا ئەملەتكەندە، بالىلارغا ۋەسىيسى ھەمراھ بولۇپ ۋاكسىنا ئەملىتىشى ھەمدە ۋاكسىنا ئەملىتىدىغان بالىنىڭ ۋاكسىنا ئەملىتىش كىنىشكىسى ھەم ۋەسىيسىنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)