ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش تۈرىنى يولغا قويۇش باشلاندى
15:18:31 2024-04-17 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىكى- يېزا تارمىقى يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش تۈرىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى، بۇ ئارقىلىق تىرىشىپ كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق بازىلىرىدا يىللىق ئوتتۇرىچە تۆللەش نىسبىتىنى %220تىن ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ گۆش قويى باقمىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

 مۇخبىرنىڭ 4- ئاينىڭ 15- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى (يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ تۈردە كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق تىجارەت سۇبيېكتلىرى ئاساس قىلىنىپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى گۆش قويىنى شالغۇتلاشتۇرۇپ پايدىلىنىش بويىچە ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى يېتىشتۈرۈلىدىكەن ۋە قۇرۇلىدىكەن.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تۈردە دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى كىچىك كۆلەملىك تارقاق باقمىچىلىق ئائىلىلىرى ۋە كۆپ خىل نەسىللەر خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىپ، مىدۇڭ رايونى، داۋانچىڭ رايونى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە BB گېن تىپىدىكى (كۆپ تۆللەيدىغان گېن) نەسىللىك قوچقاردىن 100دىن ئارتۇقى كۆپەيتىلىپ، تىرىشىپ كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق بازىلىرىدا يىللىق ئوتتۇرىچە تۆللەش نىسبىتىنى %220تىن ئاشۇرۇش، مۇۋاپىق كۆلەمدىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرىدە تۆللەش نىسبىتىنى %200كە يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، گۆش قويى باقمىچىلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، گۆش قويى باقمىچىلىقىدا ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شەھەر بويىچە گۆش قويى باقمىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدىكەن.

 ئۇلاپ ئوقۇش

ئۈرۈمچى شەھىرى يېزا ئىگىلىك تارمىقى كۆپ تۆللەيدىغان قوي باقمىچىلىقى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى

 زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى (شەھەرلىك يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى) ئۇيۇشتۇرغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش ۋە چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا 4- ئاينىڭ 11- كۈنى دەرس باشلاندى.

 كۆپ تۆللەيدىغان خۇياڭ قويى بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان سورتلۇق قوي نەسلى بولۇپ، بالدۇر يېتىلىش، كۆپ تۆللەش، تېز ئۆسۈپ يېتىلىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە، ئەگەر يەم- خەشەك يېتەرلىك بولسا ۋە كۆڭۈل قويۇپ بېقىلسا، ئالتە ئايلىق بولغان پاقلاننىڭ ئېغىرلىقى يېتىلگەن قوينىڭ ئېغىرلىقىنىڭ %70ىدىن، يېشىغا تولغان قوينىڭ ئېغىرلىقى يېتىلگەن قوينىڭ ئېغىرلىقىنىڭ %90ىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، گۆش مىقدارى ۋە تۆللەش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە ئىككى يىلدا ئۈچ قېتىم تۆللەيدۇ، قوتاندا بېقىشقا بىرقەدەر ماس كېلىدۇ.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چارۋىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى، لېكىن كىچىك كۆلەمدە تارقاق بېقىش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى، سورتلۇق نەسىللىك قويلارنى بېقىش نىسبىتى يەنىلا تۆۋەن بولدى. چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يۇقىرى ساپالىق دېھقان- چارۋىچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا كەڭ دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجى ۋە ئارزۇسى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جياڭ بىنۋېي خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125