شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لو شا، فېڭ جياشۇن) مۇخبىرلارنىڭ 4- ئاينىڭ 16- كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ئىكەن، مەكتەپتىكى زوراۋانلىق مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدىكەن. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش سانى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاشقان، خەلق سوت مەھكىمىلىرى 2021- يىلىدىن 2023- يىلىغىچە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسىدىن 73 مىڭ 178نى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن 98 مىڭ 426 جىنايەتچىگە جازا ھۆكۈم قىلغان، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكى بارلىق جىنايى ئىشلار جىنايەتچىسىنىڭ %2ىدىن %2.5ىگىچە ئىگىلىگەن.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 12 ياشقا توشقان، 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئېغىر زەخىملەندۈرۈش جىنايىتىگە قارىتا، 2021- يىلى 3- ئايدا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (11) يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بۇ تۈردىكى تۆت دېلودىكى تۆت ئادەمنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرغان، جىنايەتچىلەرنىڭ يېشى 12 - 13 ياش ئارىلىقىدا بولۇپ، قانۇن بويىچە 10 يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەلق سوت مەھكىمىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە قارىتا «تەربىيەلەش، تەسىرلەندۈرۈش، قۇتقۇزۇۋېلىش» فاڭجېنى ۋە «تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىش، جازالاشنى قوشۇمچە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان سوت قىلىش ئۇسۇلىنى پائال قوللىنىپ، سوت قىلىشنى ھەم ئازغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جازالاپ ئاگاھلاندۇرىدىغان، جازالايدىغان سوراقخانىغا ئايلاندۇرۇش، ھەم قۇتقۇزۇۋېلىش، تەربىيە بېرىش دەرسخانىسى قىلىشنى تەكىتلىشى كېرەك. جازالاش جەھەتتە «كەڭ قورساق بولۇش، لېكىن يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، سۇبيېكتىپ رەزىللىكى چوڭقۇر، زىيىنى ئېغىر، بولۇپمۇ قايتا- قايتا تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، ئىبرەت تەربىيەسى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئادىللىققا ئىگە قىلىشى، جەمئىيەتكە ھەققانىيلىقنى نامايان قىلىشى كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)