قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا قارىتا، ئاتچوت قىلىش سىياسىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ
سوئال: ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ دەسلەپكى چىقىم ئۆلچىمى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: نۆۋەتتە، دۆلەت ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ دەسلەپكى چىقىم ئۆلچىمىنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتە بىر تۇتاش غەملىنىدىغان رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ %50ىدىن يۇقىرى بولماسلىقىنى، چىقىم قىلىش نىسبىتىنىڭ %60تىن تۆۋەن بولماسلىقىنى بەلگىلىدى؛ ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە قاتلانغان ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى پىرىنسىپ جەھەتتە شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئالتە ھەسسىسى ئەتراپىغا يېتىدۇ.
قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا قارىتا، دۆلەت ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش سىياسىتىنى تەسىس قىلىشنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەل جايىدا مايىللاشتۇرۇشنى يولغا قويدى. تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار ۋە قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن، نامراتلىشىپ كەتكەن نوپۇسقا قارىتا، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ دەسلەپكى تۆلەش ئۆلچىمى %50 تۆۋەنلىتىلىپ، تۆلەش نىسبىتى بەش پىرسەنت پوئېنت ئۆستۈرۈلىدۇ ھەم ئەڭ يۇقىرى تۆلەش چېكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
نۆۋەتتە، بالىلار ئاق قان كېسىلى، تۇغما يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە راكى قاتارلىق چىقىمى يۇقىرى ئېغىر كېسەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىنىدۇ.
(داۋامى بار)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)