دىققەت| ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى توغرىسىدىكى بۇ قاراشلار توغرا ئەمەس ! (2)
15:33:55 2024-04-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بەشىنچى خاتا قاراش: بالىلارغا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ

 ئىشەنمەڭ! بېجىرگىلى بولىدۇ!

 بالىلارغا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بېجىرگىلى بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش كەسپىنى تۇنجى قېتىم بېجىرگەندە، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تەڭلا ئىلتىماس قىلىپ ئالسا بولىدۇ، قىسمەن رايونلاردا «تۇغۇلۇش بىلەنلا بىر قاتار رسمىيەتلەرنى بېجىرىش» ئەمەلگە ئاشتى، تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى، نوپۇس بېجىرگەندە، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تەڭلا ئىلتىماس قىلىپ ئالسا بولىدۇ. يەنە كېيىنكى مەزگىلدە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت ئاپپاراتى تور نۇقتىسى ياكى تور مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالسىمۇ ياكى ئوقۇۋاتقان مەكتىپى ھەمدە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ھاۋالە قىلغان ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت بانكىسى قاتارلىق باشقا ئاپپاراتلار ئارقىلىق ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىپ ئالسىمۇ بولىدۇ.

 ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش كونكرېت مۇلازىمىتى توغرىسىدا شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت ئاپپاراتىدىن تەپسىلىي مەسلىھەت سورىسا ياكى شۇ جايدىكى 12333 مەسلىھەت سوراش تېلېفونىغا تېلېفون بېرىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

 ئالتىنچى خاتا قاراش: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى «پېچەتلەندى» دەپ كۆرسىتىلسە، ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققىنى داۋاملىق تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ

 يالغان! تەسىر كۆرسەتمەيدۇ!

 ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ھالىتى «پېچەتلەنگەن» دەپ كۆرسىتىلسە، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارىنىڭ تېخى قوزغىتىلمىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

 كارتا ئىگىسى ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئالغان- ئالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشى كېرەك، ئەگەر تېخى ئالمىغان بولسا، شۇ جايدىكى 12333 ياكى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئېلىۋالسا بولىدۇ.

 ئەگەر ئالغان بولسا، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت تور نۇقتىسىغا بېرىپ ياكى تور قاتارلىق مۇلازىمەت يوللىرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارىنى قوزغاتسا بولىدۇ، ئاندىن ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

 ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئالمىغان ياكى قوزغاتمىغان بولسا، ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققى تاپشۇرۇش كەسپىنىڭ نورمال بېجىرىلىشىگە تەسىر يەتمەيدۇ.

 يەتتىنچى خاتا قاراش: ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ قۇلۇپلانغاندىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ

 ئۇنداق ئەمەس! لېكىن ھوقۇق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ!

 ئەمەلىي كارتا نورمال بولغاندا، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ ئەمەلىي كارتىنىڭ ۋاقىتلىق يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان، يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلغاندا، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمىتىنى شۇ كىشىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ ئەمەلىي كارتا رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىدىكى شەخسىي كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

 سەككىزىنچى خاتا قاراش: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، يەنە تېپىلىپ قالسا، بۇ كارتا كۈچتىن قالىدۇ

 ناتايىن! ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ!

 كارتا ئىگىسى يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىن كېيىن، ئەگەر تولۇقلاپ ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تېپىۋالسا، بۇ كارتىنى نورمال ئىشلىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ. كارتا ئىگىسى ئىناۋەتلىك سالاھىيەت ئىسپاتى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئېلىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت ئاپپاراتى، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت بانكىسى تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنى قوللىنىش، بانكا ھېساباتىنى قوللىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ.

 ئەگەر يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش بېجىرىلىپ بولغان ھەم تولۇقلاپ ئېلىش ئىلتىماسى تاماملانغان بولسا، ئىشلىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بېجىرگىلى بولمايدۇ. 

 (تۈگىدى)

 پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125