شىنجاڭدا ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئامبۇلاتورىيە چىقىمىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %85كە تەڭشەلدى
19:59:21 2024-04-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئامبۇلاتورىيەدە ئۆزئارا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش چارىسى» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىندى. «يولغا قويۇش چارىسى» بويىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پېنسىيەگە چىققان خادىملار ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىپ دورا سېتىۋالغاندا بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %85كە تەڭشىلىدۇ.

 «يولغا قويۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملارنىڭ بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەلگە دىياگنوز قويدۇرۇش، داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق كۆرۈلگەن سىياسەت دائىرىسىدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ بىر قېتىمدا بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى، ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەنىڭ يىللىق چەك سوممىسى ئىچىدە بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن نىسبەت بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ. ھەرقايسى بىر تۇتاش غەملەيدىغان رايونلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت ئۆلچەمنى بېكىتىدۇ. 

 1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %80، %70، %60 بولىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پېنسىيەگە چىققان خادىملارغا داۋاملىق 5 پىرسەنت پوئىنت مايىللاشتۇرۇلىدۇ. دەرىجىسى بېكىتىلمىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى 1- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ. 

 بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئامبۇلاتورىيەدە ئۆزئارا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى [2021] 115- نومۇرلۇق) بويىچە بولغاندا، 1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %75، %65، %55 ئىدى، پېنسىيەگە چىققان خادىملارغا مايىللاشتۇرۇش نىسبىتى 5 پىرسەنت پوئىنتتىن يۇقىرى بولمايتتى. دەرىجىسى بېكىتىلمىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى 1- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بويىچە ئىجرا قىلاتتى. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125