ئىجرا قىلىش ھېكايىسى I ئۇ 90 مىڭ يۈەن ئۈچۈن ئىسىم- فامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ 20 نەچچە يىل يوشۇرۇنۇپ يۈردى
14:49:54 2024-04-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى

ئارال بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى شياۋجاڭنىڭ نامىدىكى ئۆينى پېچەتلىدى. سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى ئورۇن تەمىنلىگەن  

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى فاڭ جياۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار نەن كېتې، دۇ جۈەنجۈەن، ليۇ گۇاڭيۈ

 ئۇ 90 مىڭ يۈەن ئۈچۈن ئىسىم- فامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ 20 نەچچە يىل يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىجرا قىلغۇچى سوتچى ئالدىدا «ئەسلىي قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى». 4- ئاينىڭ بېشىدا، ئىلتىماس قىلغۇچى شياۋجوۋ 90 مىڭ يۈەن ئىجرا پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن بىر پارچە رەھمەت خېتى يېزىپ مۇنداق دېدى: «بوۋايغا ئايلانغان بولساممۇ، بۇ پۇلنى يەنە ئالالايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن».

 2001- يىلى شياۋجوۋ يۇرتدىشى ھەم يېقىن دوستى بولغان شياۋجاڭ بىلەن بىللە شىنجاڭدا ئىشلەپ، ئازراق پۇل يىغقاندىن كېيىن، ئىككىيلەن بىڭتۇەن 1- شىسىدا شېرىكلىشىپ كىچىك تىپتىكى تەم خۇرۇچ پىششىقلاش زاۋۇتى ئېچىشنى قارار قىلغان، لېكىن ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتىكى تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، پىششىقلاش زاۋۇتى ناھايىتى تېزلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. شياۋجوۋ شېرىكچىلىكتىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغان، لېكىن شياۋجاڭ يېرىم يولدا توختاپ قېلىشنى خالىمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، شياۋجوۋ شېرىكچىلىكتىن چېكىنىپ چىقىدىغان، شياۋجاڭ شياۋجوۋغا 90 مىڭ يۈەن شېرىكچىلىكتىن چېكىنىش ھەققى بېرىدىغان بولغان.

 كېيىن، شياۋجاڭ گەرچە تىرىشىپ تىجارەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پىششىقلاش زاۋۇتى «قايتا تىرىلمىگەن». شياۋجاڭ ئامالسىزلىقتىن پىششىقلاش زاۋۇتىنى سېتىۋەتكەن. پۇلىنى تېخى ئالمىغان شياۋجوۋ جىددىيلەشكەن، لېكىن بۇ ۋاقىتتا شياۋجاڭ بىلەن قىلچە ئالاقىلىشەلمىگەن، ئۇ ئاچچىقىدا شياۋجاڭنىڭ ئۈستىدىن بىڭتۇەن 1- شىسى ئارال بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان، بۇ سوت مەھكىمىسى شياۋجاڭنى شياۋجوۋغا 90 مىڭ يۈەن تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان.

 دېلو ئىجرا قىلىش تەرتىپىگە كىرگەندىن كېيىن، شياۋجاڭ تېلېفوندا ئۆزىنىڭ پۇلى يوقلۇقىنى ئېيتقان، شۇنداقلا تۇرۇشلۇق جايىنى ئېيتىپ بېرىشنى رەت قىلغان. ئامال بولمىغانلىقتىن، ئەينى چاغدىكى ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ئىپتىدائىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ بانكىلارنى بىر- بىرلەپ تەكشۈرۈشكە مەجبۇر بولغان، لېكىن ھەممىسىدە شياۋجاڭنىڭ نامىدا ئامانەت پۇلى يوقلۇقى بايقالغان، بۇنىڭ بىلەن دېلو قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.

 نەچچە يىل ئىچىدە، ئىجرا قىلغۇچى خادىملار قايتا- قايتا تەكشۈرگەن بولسىمۇ، شياۋجاڭنىڭ نامىدا ئىجرا قىلغۇدەك مال- مۈلۈك يوقلۇقىنى بايقىغان. دېلو بۇ قېتىمقى ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

 2024- يىلى 3- ئايدا، بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئىجرا قىلغۇچى خادىملار توردا تەكشۈرۈپ كونترول قىلىش سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقاندا ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتتىمۇ- يوق؟ دېگەن خىيال تۇيۇقسىز ئېسىگە كەلگەن. ئىجرا خادىملىرى گۇمان بىلەن سوت مەھكىمىسى ۋە گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ ئادەم ۋە نەرسە ئىزدەش ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شياۋجاڭنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىدا ئۆزگەرتىلگەن خاتىرىسى بارلىقىنى، ئەمما بۇنى ئەسلىي يۇرتىغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ھېچ ئىككىلەنمەيلا دەرھال شياۋجاڭنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى گۇڭئەن ئورگىنىغا ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش توغرىسىدا خەت ئەۋەتكەن. شۇ جايدىكى گۇڭئەن ئورگىنى ئۇچۇر قايتۇرغاندىن كېيىن، شياۋجوۋ بىلەن تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ئىسمىنى «داجاڭ»غا ئۆزگەرتىۋالغان كىشىنىڭ دەل شياۋجاڭ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

 ئىجرا قىلغۇچى خادىملار دەرھال تور ئارقىلىق «داجاڭ» نامىدىكى مال- مۈلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ كونترول قىلغان، ھەم  ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۇنىڭ ئۆيىنى پېچەتلىگەن. شياۋجاڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە پېچەت چاپلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئارال بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ، 90 مىڭ يۈەن ئىجرا پۇلىنى نەق مەيداندا شياۋجۇغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن دېلو ئاياغلاشتۇرۇلغان.

 ئەسلىدە، ئەينى يىلى شياۋجاڭ سودىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن، قەرزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئىجرا قىلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل يېڭى سالاھىيەت بىلەن سودا قىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرگەن، ھەم شىنجاڭدا سودىسى يامان ئەمەس بولغان. ئەمما ئەينى يىلى يىغقان بارلىق پۇلىنى شېرىكلىشىپ پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇشقا بەرگەن شياۋجوۋنىڭ تۇرمۇشى ئانچە ياخشى ئۆتمىگەن، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن شياۋجوۋ ئىجرا پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلانغان.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125