ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى- قاناس بېرىش- كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى، بۇ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىن قاناسقا بارىدىغان بىردىنبىر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى.
جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇش ئالدىدا تۇرماقتا. گاۋ روبىن فوتوسى
بۇ قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ6613/4 بولۇپ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەت ئايروپىلان قاتنايدۇ، بوئىن 737- 700 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدۇ، بېرىپ- كېلىشتە 250تىن ئارتۇق ئورۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ. ۋاقىت جەھەتتە، پەيشەنبە، يەكشەنبە كۈنىدىكىسى ئەتىگەنلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان بولۇپ، بېرىشتا سائەت 8دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 9دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە قاناسقا يېتىپ بارىدۇ، قايتىشتا سائەت 10دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە قاناستىن ئۇچۇپ، سائەت 11دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ؛ سەيشەنبە كۈنىدىكىسى چۈشلۈك نۆۋەتچى ئايروپىلان بولۇپ، بېرىشتا سائەت 11دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 13تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە قاناسقا يېتىپ بارىدۇ، قايتىشتا سائەت 14تە قاناستىن ئۇچۇپ، سائەت 15تە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ.
ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى قىزىپ كېتىدۇ. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھاۋا يولىنى داۋاملىق راۋانلاشتۇرىدۇ، يولۇچىلار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ تاغ- دەريالاردىن ھۇزۇلىنىپ، شىمالىي شىنجاڭنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلالايدۇ. ھازىر جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىمالىي شىنجاڭدىكى قاتناش نۇقتىسىدىن ئونى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى- غۇلجا ئارىسىدا كۈنىگە 5- 6 نۆۋەتچى ئايروپىلان، ئۈرۈمچى- ئالتاي ئارىسىدا كۈنىگە 1- 2 نۆۋەتچى ئايروپىلان، ئۈرۈمچى- چۆچەك ئارىسىدا كۈنىگە 1- 2 نۆۋەتچى ئايروپىلان، ئۈرۈمچى- كۆكتوقاي ئارىسىدا ھەپتىدە 3 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ.
جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىش ئەڭ قىسقا ۋاقتىنىڭ قىسقىرىشىغا ئەگىشىپ، يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرغان شۇ كۈنى ئوتتۇرا يولدا بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، شىئەن قاتارلىق ئاۋات شەھەرلەرگە ئالمىشىپ بارالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان سېلىنمىسىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىمالىي شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىكەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)