سوئال: تۇيۇقسىز تاماكا تاشلىسا ئاسان كېسەل بولۇپ قالىدىغانلىقى راستمۇ؟
جاۋاب: تاماكا تاشلىغان مەزگىلدە پەيدا بولغان بىئاراملىق تۇيغۇسى «تاماكا تاشلاش ئىنكاسى»غا تەۋە بولۇپ، سالامەتلىككە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
تاماكا تاشلاش يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە تاماكا تاشلاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 14 كۈن ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، تەخمىنەن بىر ئايدىن كېيىن ئاجىزلاشقا باشلايدۇ، ئاخىرىدا ئاستا- ئاستا يوقىلىپ، بەدەن نورمال ھالەتكە قايتىدۇ. بۇ ئىنكاسلار قارىماققا «كېسەل بولۇپ قالغان»دەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بەدەندە ناچار ئاقىۋەت پەيدا قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر ئۈنۈمى ياخشى بولغان نۇرغۇن تاماكا تاشلاش دورىسى بۇنداق بىئاراملىق ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتەلەيدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)