ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) خەينەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى قارىمىقىدىكى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى 4- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى- شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولۇچىلار ئۈچۈن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان ئالماشتۇرۇش تۈگۈنى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى.
ئۈرۈمچى- شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر دۈشەنبە كۈنى بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان بېرىپ- كېلىدۇ. بېرىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى UQ2637 بولۇپ، سائەت 10دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە شياڭگاڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ؛ كېلىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى UQ2638 بولۇپ، سائەت 16دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە شياڭگاڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كېلىدۇ.
ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلارغا بېلەت سېتىۋېلىشتا ئېتىبار بېرىدۇ، ئۈرۈمچىدىن شياڭگاڭغا بارىدىغان تاق مۇساپە بېلىتى 980 يۈەندىن باشلىنىدۇ، شياڭگاڭدىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان تاق مۇساپە بېلىتى 1110 يۈەندىن باشلىنىدۇ (يۇقىرىقى باھا باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)