ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى بار بولسىمۇ، يەنە سودا سۇغۇرتىسىدىن ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى سېتىۋېلىش كېرەكمۇ؟
15:48:22 2024-04-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى بار تۇرۇپمۇ، يەنە سودا سۇغۇرتىسىدىن ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى ئايرىم سېتىۋېلىش كېرەكمۇ؟

 جاۋاب: ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى باشتىن- ئاخىر بازارنى قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، سودا سۇغۇرتىسى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىنى پائال قوللاپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى جەھەتتە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارماقلىرى بىلەن سودا سۇغۇرتىسى ئورۇنلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشتا يېڭىلىق ياراتتى. نۆۋەتتە، بىر تۇتاش غەملىنىدىغان %90تىن ئارتۇق رايون ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش شەكلى ئارقىلىق سودا سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى كەسپىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھاۋالە قىلىپ، سودا سۇغۇرتا بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپلا قالماي، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. 

 سۇغۇرتىنىڭ ئىقتىدارى بولسا خەۋپ- خەتەردىن مۇداپىئە قىلىشتۇر. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدىن باشقا، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار سودا سۇغۇرتىسىنى تولۇقلاش- تولۇقلىماسلىقتا شەخسنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا قارىشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى جايلارنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى، بەزى جايلارنىڭ ئىزدىنىشىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل بولدى.

 پايدىلانغان مەنبە: خەلق تورى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125