ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ) 4- ئاينىڭ 17- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، «ئىككىنى ئازايتىش» خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش توغرىسىدا مەمۇرىي جازا جەرىمانە تالونىدىن توققۇزنى چىقىرىپ، 130 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەمۇرىي جازا جەرىمانىسى قويغان.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش توغرىسىدا چىقىرىلغان توققۇز پارچە مەمۇرىي جازا جەرىمانە تالونى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش توغرىسىدا ئۈچ پارچە مەمۇرىي جازا جەرىمانە تالونى چىقىرىپ، 79 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئىككى پارچە چىقىرىپ، 10 مىڭ 950 يۈەن جەرىمانە قويغان؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىر پارچە چىقىرىپ، 6300 يۈەن جەرىمانە قويغان؛ تۇرپان شەھىرى بىر پارچە چىقىرىپ، 1770 يۈەن جەرىمانە قويغان؛ قومۇل شەھىرى بىر پارچە چىقىرىپ، 25 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى بىر پارچە چىقىرىپ، 7650 يۈەن جەرىمانە قويغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ ئىدارىلىرى پەن- تېخنىكا، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت- ساياھەت، بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن 1446 ئاپپاراتنى بىرمۇبىر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئاپپاراتلاردىن 42سىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ پەن تۈرى بويىچە تەربىيەلەش بارلىقىنى بايقىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كېيىنكى قەدەمدە، ھەرقايسى جايلاردىكى «ئىككىنى ئازايتىش» مەخسۇس بەنلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق كوچا باشقارمىسى، مەھەللىلەر بىلەن بىرلىشىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئاپپاراتلارغا قارىتا قەرەلسىز ھالدا «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇشى ھەمدە تىزىملىك تۇرغۇزۇشى، ئەگەر يەنە «مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش توغرىسىدىكى مەمۇرىي جازا ۋاقىتلىق چارىسى»دە بەلگىلەنگەن ئېغىر قىلمىش ساقلانغانلىقىنى بايقىسا، قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازالاپ، مەمۇرىي جازا بېرىشى ھەمدە ئاشكارىلىشى، ئىبرەت قىلىش- چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نازارەت قىلىش، پاش قىلىش ئۇسۇللىرىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، پاش قىلىنغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ قايتما ئىنكاس قىلىشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)