كىتاب ھىدى ئەتراپقا تارالدى! شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا رەڭدار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى ئالدىن قىزىتىلدى
12:43:47 2024-04-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ بىن) 4- ئاينىڭ 23- كۈنى 29- قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بەس- بەستە مول، رەڭدار كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، كىتاپ ھىدى تارىلىپ كىشىلەرنىڭ قەلبى ئىللىتىلدى. 

4- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 27- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كۇتۇپخانىدا كىتاب ئوقۇماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

4- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 27- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كۇتۇپخانىدا كىتاب ئوقۇماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 27- باشلانغۇچ مەكتەپ «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى  كىتاب ھىدى تارالغان مەكتەپ» باش تېما قىلىنغان كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى «دېكلاماتسىيە قىلغۇچى»، «بالىلارنى شادلاندۇرغۇچى»، «ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى بىر كىتابنى ئورتاق ئوقۇش»، «ئاتا- ئانا، بالا كىتاب ئوقۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئوقۇغۇچىلاردا كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇش، كۆپ كىتاب ئوقۇش، ياخشى كىتاب ئوقۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈردى.

4- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقىي شىسەن كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر  كۇتۇپخانىدا كىتاب ئوقۇماقتا. ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

4- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقىي شىسەن كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر مەھەللە كادىرى سۈبھىنۇر ئالىم (ئوڭدا)غا كىتاب ئىئانە قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى مۇھىت ئاسراش يولى كوچا باشقارمىسى شەرقىي شىسەن كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسى كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كۇتۇپخانا پىدائىيلىرى تۈرلۈك كىتابلارنى رەتلەپ ئاھالىلەرنىڭ ئارىيەت ئېلىشى ئۈچۈن تەمىنلىدى، ئاھالىلەر يەنە پائال كىتاب ئىئانە قىلىپ، مەھەللە كۇتۇپخانىسىنى بېيىتتى.

4- ئاينىڭ 18- كۈنى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قومۇل چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ماۋاڭمياۋ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى «كىتاب ھىدى چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىغا تارىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىپ كىتاب ئوقۇش» باش تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. يۆ چاۋۋېي فوتوسى

 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قومۇل چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ماۋاڭمياۋ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى «كىتاب ھىدى چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىغا تارىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىپ كىتاب ئوقۇش» باش تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ پونكىتتىكى بارلىق خەلق ساقچىسى قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش، كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، قويۇق كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى ياراتتى.

4- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يىشى كىنوخانا شەكلىدىكى كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە، ئاھالىلەر ماميەن يوپكا كىيىپ، قولىدا كىتاب تۇتۇپ مودېل ماڭماقتا. ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

4- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يىشى كىنوخانا شەكلىدىكى كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە، ئاھالىلەرماميەن يوپكا كىيىپ، قولىدا كىتاب تۇتۇپ مودېل ماڭماقتا. ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، 29- قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يىشى كىنوخانا شەكلىدىكى كىتاب ئوقۇش ئۆيى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چاڭجياڭ يولى كوچا باشقارمىسى غۇلجا يولى مەھەللىسى، جىڭيى يولى مەھەللىسى، جىڭئېر يولى مەھەللىسى، گۇچۇڭ يولى شىمالىي مەھەللىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا مودېل مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاھالە ماميەن يوپكا كىيىپ، قولىدا تەۋسىيە قىلىنغان كىتابلارنى تۇتۇپ، كىتاب ئوقۇش ئۆيىنى مودېل مېڭىش سۇپىسى قىلىپ، ئاھالىلەرگە تۈرلۈك كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىپ، نۇرغۇن ئاھالىنى كېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.

 ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ كىتابخانا، كۇتۇپخانا ۋە شىنخۇا كىتابخانىلىرىغا شەھەر ئاھالىلىرى بېرىپ كىتاب ئوقۇپ، كىتاب سېتىۋېلىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتتى.

4- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئوقۇرمەن شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىدە كىتاب تاللاپ سېتىۋالماقتا. ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

4- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئوقۇرمەنلەر شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىدە كىتاب تاللاپ سېتىۋالماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125