قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| بىر چىنە چۆپكە سىڭگەن بەختلىك چاغلار
15:56:36 2024-04-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ياڭ شياۋشيا

 ئانامنىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىغا 13 يىل بولۇپ قالدى، لېكىن ئۇنىڭ مۇلايىم چىرايى ۋە ئالدىراش سىماسى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا، بولۇپمۇ ئانام ئەتكەن يايما چۆپنى شۇنچىلىك سېغىنىمەن، تەمىنى شۇنچىلىك ئەسلەيمەن.

 ئانام بىر ئۆمۈر ئەمگەكچان، دوستانە، كەڭ قورساق، شەخسىيەتسىز ئۆتكەن. قول قىسقا، ئاشلىق يېتىشمەيدىغان يىللاردا ئۇ ئۆزى تېجەشلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، ھەر بىر مېھمانغا قىزغىن مۇئامىلە قىلغان.

 ئېسىمدە قېلىشىچە، يۇرتتىكى ئۆيىمىزنى توختىماي رېمونت قىلدۇرۇپ تۇراتتۇق، ئانام ھەر قېتىم ھۈنەرۋەنلەرنى ئۆيدە تاماققا تۇتۇپ قالاتتى. 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا، بىزنىڭ بۇ يەردىكى بازاردا موما دۇكىنى يوق ئىدى، خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسى ۋە كەسمە چۆپ تېخىمۇ يوق ئىدى، ھەر قېتىم ھۈنەرۋەنلەر ئۆيدە تاماق يېمەكچى بولغاندا، ئانام ئۆزى تاماق ئېتەتتى. ئانام ئېگىز بامبۇك قاسقاندا مەززىلىك موما پىشۇراتتى؛ كوزا- ئىدىشلارغا تەمىنى تېتىتىپ كۆكتات چىلايتتى؛ يايما چۆپى تېخىمۇ تىرىك ھەم سىلىق ئىدى ... بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئىش قىلىدىغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ھەممىسى ئانامنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتەتتى.

 ئانامنىڭ خېمىر يۇغۇرۇشقا ئېپى بار ئىدى، ئۇ سۇنى ئاستا- ئاستا داسقا قۇياتتى. ئانام ماڭا: «سۇنى بىر قېتىمدىلا تولۇق قۇيۇۋېتىپ يۇغۇرغان خېمىر بەك يۇمشاق بولۇپ قالىدۇ، چىڭ تۇرمايدۇ، سۇنى ئاستا- ئاستا قۇيۇش كېرەك؛ خېمىر يۇغۇرۇشتا قول پاكىز بولۇش، خېمىر سىلىق بولۇش، داس پاكىز بولۇشى كېرەك. سوزىميەننىڭ خېمىرى تەكشى يۇغۇرۇشنى، تولۇق تىندۇرۇشنى، قېلىن يېيىپ، ئىنچىكە توغراشنى تەلەپ قىلىدۇ»، دەيتتى.

 ئانامنىڭ خېمىر يېيىشتىكى سىرى مۇنداق ئىدى: داسقا تۆكۈلگەن ئۇننىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر كىچىك ئويمان ئېچىپ، تەييارلانغان ئىلمان سۇنى ئويمانغا ئاستا- ئاستا قۇياتتى؛ بىر تەرەپتىن قۇيۇپ، بىر تەرەپتىن قول بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پاختىسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئاندىن كۈچەپ چەيلەپ بىر زۇۋۇلا قىلاتتى، ھۆل داكا بىلەن يېپىپ قويۇپ تىندۇراتتى. خېمىر تىنىۋالغىچە ساقلاشقا توغرا كېلەتتى، ساقلاۋاتقان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئانام سوزىميەننىڭ قىيمىسىنى تەييار قىلىۋالاتتى.

 ئانام يايغان چۆپ سىلىق ھەم تىرىك چىقاتتى، ئۇنىڭغا گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدىغان قىيمىسىنى سېلىپ بەرسە، بىز بىر قاچا چۆپنى ھەش- پەش دېگۈچە پاك- پاكىز يەۋېتەتتۇق.

 ئانام يايغان سۇيۇقئاش چۆپىمۇ مېنى سېغىندۇرىدۇ ۋە ئەسلىتىدۇ. ئانام تومۇزغىنىڭ قانىتىدەك نېپىز يېيىپ كېسىلگەن خېمىرنى قازانغا سېلىپ، كۆكتات سېلىپ، ئاخىرىدا تۇخۇم چېقىپ، ئاشنى ئۇسۇشتىن بۇرۇن بىر سىقىم يۇمغاقسۈتنى چېچىۋېتەتتى، ئۇنىڭ پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. سۇيۇقئاش دادام ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇن تامىقى ئىدى. ئانام كەتكەندىن كېيىن، سىڭلىم ئىككىمىز ئانامنىڭ ئەتكىنىنى دوراپ دادامغا سۇيۇقئاش ئېتىپ بەردۇق، لېكىن دادام دائىم مەن ئەتكەن سۇيۇقئاشنىڭ چۆپىنى بەك چوڭ، سىڭلىم ئەتكەن سۇيۇقئاشنىڭ چۆپىنى بەك كىچىك، دەيتتى.

 ئانامنىڭ چۆپ تاشلاش ئۇسۇلىنى مەن باشتىن- ئاخىر ئۆگىنەلمىدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئانام ئۇزۇن، كەڭ پىلتىنى سول قولىغا ئېلىۋېلىپ، ئوڭ قولىدا چۆپنى ئۈزۈپ تاشلايتتى، سۈرئىتى تېز بولغاچقا، قازانغا بالدۇر چۈشكەن چۆپمۇ ئېزىلىپ كەتمەيتتى، كېيىن سېلىنغان چۆپمۇ چالا پىشىپ قالمايتتى.

 ئۇ يىللاردا ھەممە ئائىلە باياشات ئەمەس ئىدى، يىل بويى بىزمۇ تۈزۈكرەك بىر نەچچە قېتىم ئاق ئاشلىق يېيەلمەيتتۇق، ئانام ھەمىشە ئامال قىلىپ قارا ئاشلىقتىن تۈجۈپىلەپ تاماق ئېتەتتى. قارا بۇغداي ئۇنىنىڭ تالاسى يىرىك بولغاچقا، ئانام خېمىر يۇغۇرغاندا ئازراق بۇغداي ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، نېپىز يېيىپ جۈسەي يوپۇرمىقىدەك ئۇزۇن كېسەتتى. مەن بىر تەرەپتىن شامال ساندۇقىنى تارتقاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئانامنىڭ چاققانلىق بىلەن ئاشتاختا ئۈستىدىكى كېسىپ قويغان چۆپلەرنى قازانغا سالغانلىقىغا، قارا بۇغداينىڭ ئۆزگىچە خۇش پۇرىقىنىڭ ئوچاق بېشىنى قاپلىغانلىقىغا قاراپ ئولتۇراتتىم.

  مەن ئاكام بىلەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا مەكتەپتە قوناتتۇق، ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيگە قايتاتتۇق. ھەر قېتىم ئۆيگە قايتقاندا ئانام چوڭ قازاندا بىزگە ئىسسىق قارا بۇغداي ئۈگرىسى، سۇيۇقئاش، سوزىميەن ئېتىپ بېرەتتى. ئۇ مېھرىنى ھەر خىل تەمدىكى چۆپلەرگە سىڭدۈرگەن ئىدى، ئۇنىڭ تەمىگە ھاياتىمدىكى بەختلىك چاغلار سىڭىپ كەتكەن، شۇنداقلا ئانامغا بولغان سېغىنىشىم ۋە ياد ئېتىشىم يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئىدى.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى بەيشۇي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125