Wi - Fi سۈرئىتىنىڭ تېزراق بولۇشىنى ئويلامسىز؟ بۇ خاتا ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ (1)
17:12:29 2024-04-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بۈگۈنكى كۈندە تور كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسىمغا ئايلاندى، Wi -Fi روتېرى بىزنىڭ تورغا ئۇلىشىمىزدىكى مۇھىم ياردەمچى. ئۆيگە كىرىپلا يان تېلېفوننى Wi -Fiغا ئۇلاش نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىختىيارسىز ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

 دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، Wi -Fi تور سۈرئىتى بەك ئاستا بولسا، «كىشىلىك ھاياتتىكى بىرىنچى چوڭ ئازاب» دېيىشكە بولىدۇ. سىگنال تولۇق بولسىمۇ، لېكىن دوستلار چەمبىرىكىدىكى سۈرەتلەر ئېچىلمايدۇ، كۆرمەكچى بولغان سىن ھەمىشە يۈكلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، پاراڭلاشقان مەزمۇنلار يوللانمايدۇ ...

 شۇنىڭ بىلەن تورداشلار Wi -Fi سىگنالىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، كاللىسىنى ئىشلىتىپ، ھەر خىل ئاماللارنى ئويلاپ چىقتى. يېقىندا Wi -Fi تور سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە ئالاقىدار بىر ماقالە دوستلار چەمبىرىكىدە ناھايىتى قىزىپ كەتتى. ماقالىدە Wi -Fi سىگنالىنى كۈچەيتىدىغان نۇرغۇن ئۇسۇل تونۇشتۇرۇلغان، مەسىلەن، روتېرنى چەترەك جايغا قويۇش، بىر ئانتېننانى تىكلەپ قويۇش، يەنە بىر ئانتېننانى ياتقۇزۇپ قويۇش... ئۇنداقتا، بۇ ئۇسۇللار ئۈنۈم بېرەمدۇ؟ بۇ ھەقتە «پەن- تېخنىكا گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. 

بىر تال ئانتېننا تىكلەپ، يەنە بىر تال ياتقۇزۇپ قويغاندا، تور سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولامدۇ؟

 ھەقىقىي ئەھۋال: سىگنالنىڭ مۇۋاپىق تارقىلىشىغا پايدىلىق، لېكىن ياخشىلاش ئۈنۈمى چەكلىك.

 تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەردە ئېيتىلىشىچە، روتېرنىڭ ئەگەر ئىككى ئانتېننىسى بولسا، ئۇنداقتا بىر ئانتېننىسىنى تىكلەپ، يەنە بىر ئانتېننىسىنى ياتقۇزۇپ قويسا، تور سۈرئىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. ئۇنداقتا، ئەمەلىيەت زادى قانداق؟

 «ئانتېننانىڭ بىرىنى تىكلەپ، بىرىنى ياتقۇزۇپ قويغاندا، روتېر تېخىمۇ كۆپ سىگنالنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن، ھەقىقەتەن بەزىلەر مۇشۇنداق قويىدۇ، لېكىن ياتقۇزۇپ قويۇلغان ئانتېننا سىگنالنى ئاسانلا توسۇپ قويىدۇ، ئەكسىچە سۈرئەتنى ئاستىلىتىۋېتىشى مۇمكىن». بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى ئۇچۇر ۋە ئېلېكتىرون شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى لى خەي مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: Wi- Fi روتېرنىڭ ئانتېننىسى ئادەتتە تولۇق يۆنىلىشلىك بولۇپ، كۆپ يۆنىلىشتە سىگنال قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، لېكىن يەنىلا بەلگىلىك سىگنال قوبۇل قىلىش «ئۆلۈك بۇلۇڭ»ى بار.

 «شۇڭا، كۆپ ساندىكى Wi- Fi ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتلىرى ئىككى تال ئانتېننانى پاراللېل توغرىلىماسلىق، ئەڭ ياخشىسى بەلگىلىك بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ توغرىلاش تەكلىپىنى بەردى. بىراق، ئانتېننانى توغرىلاش بۇلۇڭىنىڭ تور سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بەلگىلىك ياردىمى بولسىمۇ، لېكىن ياخشىلاش ئۈنۈمى ئىنتايىن چەكلىك»، دېدى لى خەي.

 بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ دوتسېنتى يەن خۇەيجى مۇنداق بىلدۈردى: ئەگەر روتېردا نۇرغۇن ئانتېننا بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئانتېننالارنى بەلگىلىك بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ توغرىلىغاندا، Wi -Fi سىگنالىنىڭ بوشلۇقتىكى قاپلاش دائىرىسى ۋە سىگنالنىڭ تەكشى تارقىلىشىنى كېڭەيتىشكە ھەقىقەتەن پايدىسى بولىدۇ. «گەرچە Wi -Fi سىگنالى كۈچەيمىگەن، تور سۈرئىتىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن سىگنالنىڭ تارقىلىشى مۇۋاپىق بولغاچقا، ئىشلەتكۈچىلەر سىگنالنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن»، دېدى ئۇ.

 (داۋامى بار)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125