يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن تېز بولدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گاۋ فېڭ) 4- ئاينىڭ 24- كۈنى مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1- پەسىلدە، شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 6394 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %7.7 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە %8.2 ئاشقان، نامدىكى ئېشىش سۈرئىتى ۋە ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.7 پىرسەنت پوئېنت ۋە 5.8 پىرسەنت پوئېنت تېزلەشكەن.
شەھەر- يېزىلار بويىچە قارىغاندا، شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ 639 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %6.4 ئاشقان، ئەمەلىيەتتە %6.8 ئاشقان. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 2431 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى نامدا %9.7 ئاشقان، ئەمەلىيەتتە %10.3 ئاشقان. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ نامدىكى ئېشىش سۈرئىتى ۋە ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن 3.3 پىرسەنت پوئىنت ۋە 3.5 پىرسەنت پوئىنت تېز بولغان.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)