Wi -Fi سۈرئىتىنىڭ تېزراق بولۇشىنى ئويلامسىز؟ بۇ خاتا ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ (2)
16:40:39 2024-04-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانتېنناسى كۆپ روتېرنىڭ سىگنالى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ

 ھەقىقىي ئەھۋال: ئانتېننا سانى سىگنالنىڭ كۈچلۈك- ئاجىزلىقىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ

 نۇرغۇن كىشى Wi -Fi روتېرى سېتىۋالغاندا، ئانتېنناسى كۆپلىرىنى تاللاپ سېتىۋالىدۇ، «ئانتېنناسى كۆپ بولسا سىگنالى كۈچلۈك بولىدۇ»، ئانتېنناسى كۆپلىرىنىڭ سىگنال بىلەن قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، سىگنالى چوقۇم تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. سودىگەرلەر بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ئۈچ، ئالتە، سەككىز، ھەتتا 16 ئانتېننىلىق روتېرنى بازارغا سالدى. ئۇنداقتا، ئانتېننانىڭ سانى شۇنچە مۇھىممۇ؟

 «Wi -Fi روتېرىنىڭ ياخشى- يامانلىقى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارغا باغلىق، ھەرگىزمۇ ئانتېننانىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولۇۋەرمەيدۇ، شۇنداقلا ئانتېننا قانچە كۆپ بولغان روتېر سىگنالىنىڭ قاپلاش دائىرىسى شۇنچە كەڭ بولۇۋەرمەيدۇ». بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ دوتسېنتى يەن خۇەيجى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: چۈنكى Wi -Fi سىگنالىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ئۇنىڭ تارقىتىش قۇۋۋىتى بىلەن بىۋاسىتە ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، تارقىتىش قۇۋۋىتى قانچە چوڭ بولسا، قاپلاش دائىرىسى شۇنچە كەڭ، يەتكۈزۈش ئارىلىقى شۇنچە يىراق بولىدۇ. ئەگەر تارقىتىش قۇۋۋىتى بېكىتىلىپ بولغان بولسا، ئانتېننانىڭ سانىنى كۆپەيتكەن بىلەنمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغان يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئىنتايىن چەكلىك بولىدۇ. «ئۆي ئىچىدە تۇرغان مۇھىتىدا، ئادەتتە ئىككى ئانتېننا كۆپ قىسىم بوشلۇقنى قاپلايدۇ»، دېدى ئۇ.

 بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى ئۇچۇر ۋە ئېلېكتىرون شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى لى خەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى كۆپ ئانتېننىلىق روتېرغا ئادەتتە MIMO تېخنىكىسى (كۆپ كىرىش، كۆپ چىقىش تېخنىكىسى) ئىشلىتىلىدۇ، بۇ تېخنىكا Wi -Fi روتېرىنىڭ سىگنال قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئارقىلىق يوللاش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ.

 «ئۆيدىكى تام، ئۆي جاھازلىرى قاتارلىق بۇيۇملار سىمسىز سىگنال قايتۇرىدۇ، بۇ مەلۇم دەرىجىدە Wi -Fi سىگنالىنىڭ يەتكۈزۈلۈش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. MIMO تېخنىكىسى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى، كۆپ ئانتېننانىڭ قوللىشىدا، Wi -Fi روتېرى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپ بۆلەككە بۆلۈپ، ئوخشاش بولمىغان ئانتېننا ئارقىلىق تارقىتىدۇ، قوبۇل قىلىش ئۇچىدا يەنە بىرىكتۈرىدۇ. MIMO تېخنىكىسىنىڭ نۇرغۇن ئۆلچىمى بار، ئەگەر 2 × 2MIMO ئەندىزىسى قوللىنىلسا، ئۇنداقتا ئىككى دانە ئانتېننا بولسىلا كۇپايە؛ ئەگەر 3 × 3MIMO ئەندىزىسى، ھەتتا 4 × 4MIMO ئەندىزىسى قوللىنىلسا، تېخىمۇ كۆپ ئانتېنناغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بەزى زاۋۇتلارنىڭ ئانتېننا سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان روتېرنى بازارغا سېلىشى كۆپ چاستوتا بۆلىكىدىكى مۇھىتنى قوللاش ئۈچۈن، مەسىلەن، يېرىم ساندىكى ئانتېننا 2.4GHz (گىگاگېرتىس) چاستوتا بۆلىكىگە، قالغان يېرىمى 5GHz چاستوتا بۆلىكىگە ئىشلىتىلىدۇ. بىراق، ئائىلە مۇھىتىدا، بوشلۇق تار بولغاچقا، MIMO تېخنىكىسىنىڭ <ئىقتىدارى>نى جارى قىلدۇرۇش ناھايىتى تەس، كۆپ ئانتېننا تور سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەلمەيدۇ، ئەكسىچە زۆرۈر بولمىغان سىگنال كاشىلىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن»، دېدى لى خەي.

 (داۋامى بار)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125