4- ئاينىڭ 25- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيىدا پەي توپ ئوينىماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ لياڭ) 4- ئاينىڭ 23- كۈنى ئېلان قىلىنغان «2023- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرىنى ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2023- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي بار بولغان تەنتەربىيە مەيدانى 81 مىڭ 928گە، تەنتەربىيە مەيدانلىرىنىڭ كۆلىمى 72 مىليون 876 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭىدىن كۆپەيگەن تەنتەربىيە مەيدانى 30 مىڭدىن ئېشىپ، ئومۇمىي كۆلىمى 24 مىليون 523 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىر كۆپەيگەن. كۆپەيتىلگەن تەنتەربىيە مەيدانلىرى ئاساسىي چوڭ تۈرلەر مەيدانى، توپ تۈرلىرى تەنھەرىكەت مەيدانى، قار- مۇز تەنھەرىكىتى مەيدانى ۋە تەنتەربىيە چېنىقىش مەيدانىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
4- ئاينىڭ 25- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيىنىڭ ئاقىل بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيىدا بەدەن چېنىقتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)