دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: ئەمگەكچىلەر بۇ كەسپىي ساغلاملىق ھوقۇق- مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ
16:08:17 2024-04-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش قانۇنى» تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

 جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى كەسپىي ساغلاملىق ۋە زەھەرلىنىشنى تىزگىنلەش ئورنىنىڭ باشلىقى سۈن شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەسپىي ساغلاملىق ھوقۇق- مەنپەئىتى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي ساغلاملىق ھوقۇق- مەنپەئىتى، كەسپىي ئەمگەكچىلەر قانۇن بويىچە كەسپىي ساغلاملىقىنى قوغداش، كەسپىي ساغلاملىق تەربىيەسى ئېلىش، قەرەللىك كەسپىي ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈش، كەسپىي كېسەلگە دىياگنوز قويدۇرۇش، داۋالاش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇق- مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

 ئالدى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىر قانچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

 بىرىنچى، توختام ئۇقتۇرۇشىنى ئادا قىلىش كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كەسپىي كېسەل خەۋپى مەۋجۇت بولغاندا، ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈشى، ئەمگەك توختامىدا خىزمەت ئورنى، ئىش ئورنىدا قانداق كەسپىي كېسەل خەۋپى ۋە ئاقىۋەت بارلىقىنى، جۈملىدىن، مۇداپىئە ئەسلىھەسى قاتارلىق كاپالەت تەمىناتىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.

 ئىككىنچى، ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشىنى ئادا قىلىش كېرەك. بىر مىسال كەلتۈرسەك، قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئوخشاش، ئەگەر خىزمەت سورۇنىدا كەسپىي كېسەل خەۋپى مەۋجۇت بولسا، خىزمەت سورۇنىدا ئىش ئورنى، ئۈسكۈنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە شەكىل ياكى ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئەسكەرتىشى، بۇ خىزمەت ئورنىدا كەسپىي كېسەل خەۋپىنىڭ تۈرى ۋە ساغلاملىق مەسىلىسى، شۇنىڭدەك ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

 ئۇنىڭدىن باشقا، كەسپىي كېسەل خەۋپى مەۋجۇت بولغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئەمگەكچىلەرنى كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قەرەللىك تەشكىللىشى كېرەك، بۇ، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئىش ئورنىدىكى مەزگىلدە، ئىش ئورنىدىن ئايرىلغاندا، دەيدىغان بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، بەزى جىددىي ھادىسىلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەمگەكچىلەر كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچراشقاندا، جىددىي كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك، ئىش ئورنىدىن ئايرىلغاندا، ئىش ئورنىدىن ئايرىلىش سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 كارخانىلاردا ئەگەر كەسپىي كېسەل خەۋپى مەۋجۇت بولسا، قەرەللىك تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ، ئەمگەكچىلەرگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئېلان تاختىسىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

 كەسپىي كېسەل خەۋپى بار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسىي قوغدىنىش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، بۇ، قوغدىنىش ماسكىسى، قۇلاققا تىقىۋالىدىغان قۇلاق قوغدىغۇچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، گۇمانىي كەسپىي كېسەل ياكى كەسپىي كېسەل بايقالغان ھامان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ كەسپىي كېسەلگە دىياگنوز قويۇپ باھالاشقا تەشكىللەش مەسئۇلىيىتى بار، بۇ، كېيىنكى داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ئەمگەكچىلەر ئەمگەك جەريانىدا بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرى ئېنىق ھالدا قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلىپ، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلىسا، ئەمگەكچىلەر تەنقىد قىلىشقا، پاش قىلىشقا ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. (باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى ياڭ ياڭ، شى يىڭچۇن)

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125