مۇخبىرنىڭ 4- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «يېزا- كەنتلەرگە نام بېرىش ھەرىكىتى» ئارقىلىق يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، خاسلىققا ئىگە تېخىمۇ كۆپ ياخشى يەر- جاي ناملىرى يېزا- كەنتلەردە نامايان بولۇپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى يەر بەلگىسى، يېڭى نام كارتىسىغا ئايلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ، «يېزا- كەنتلەرگە نام بېرىش ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇشنى بېكىتكەن بولۇپ، بۇ يېزا- كەنت يەر- جاي ناملىرى تورىنى زىچ توقۇپ، يېزا- كەنت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش؛ يېزا- كەنت يەر- جاي ناملىرى بەلگە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر، يېزا ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى كۈچەيتىش؛ يەر- جاي ناملىرى مەدەنىيىتىنى كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا- كەنت مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا كۈچ قوشۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
كونكرېت خىزمەت جەريانىدا ئۈرۈمچى شەھىرى يەر- جاي بار، نامى يوق بولۇش، يەر- جاي ناملىرى قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق رەتلەپ بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، كوچا، يول، تار كوچا، مۇھىم جۇغراپىيەلىك ئورۇنلارنى كۆرسىتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلار جايلاشقان جايلارغا نام بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىغىش تېرمىنالىدىكى ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى ۋە دۆلەتنىڭ يەر- جاي ناملىرى ئۇچۇر ئامبىرىغا تايىنىپ، يېزا- كەنت يەر- جاي ناملىرى ئۇچۇرلىرىنى يىغىش، توپلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا- كەنت رايونلىرىنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيەلىك ئەمەلىي گەۋدىسى، ئاھالىلەر نۇقتىسى، كوچا، يول، تار كوچا، مەدەنىيەت- ساياھەت، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق يەر- جاي ناملىرى ئۇچۇرلىرىنى تولۇق يىغىپ، «بىر قېتىم يىغىش، كۆپ تەرەپ ئورتاق بەھرىلىنىش»نى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك «يېزا- كەنتلەرگە نام بېرىش ھەرىكىتى»دە يېزا- كەنت يەر- جاي ناملىرىنى ئالاقە تورى خەرىتىسىگە چۈشۈرۈپ بەلگە سېلىش يېتەكچى قىلىنىپ، يېزا- كەنت يەر- جاي ناملىرىغا ئۆلچەملىك ئىلمىي نام بېرىش، بەلگە تەسىس قىلىش- ئاسراش، مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇچۇرلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش- قوللىنىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئالغا سىلجىتىلىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ئومۇميۈزلۈك كۈچ قوشۇلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، يېزا- كەنت يەر- جاي ناملىرى ھەم بەلگىسىنىڭ كەڭلىكى، زىچلىقى، ئىنچىكىلىكلىكىنى يېزا- كەنتلەرنىڭ ئۆلچەملىك يەر- جاي ناملىرى ئۇچۇرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ئۆلچەملىك ئىشلىتىلىشىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، يېزا- كەنت يەر- جاي ناملىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىدە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەر- جاي ناملىرىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش رولىنى تولۇق نامايان قىلىدىكەن.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ شۇفاڭ خەۋىرى)