شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تانزانىيە زۇڭتۇڭى خاسان بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو- تانزانىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى بەرپا قىلغان. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- تانزانىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل مۇستەھكەملىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، مەن زۇڭتۇڭ خانىم بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو- تانزانىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن تانزانىيەنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش ئورتاق ئارزۇسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
خاسان مۇنداق بىلدۈردى: تانزانىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇقى ۋە سەمىمىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىككى تەرەپ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا بىر- بىرىنى قوللىدى. تانزانىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا دەۋر بۆلگۈچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا قايىل، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ساھەسىدە بەرگەن مەدىتىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى قاتارلىق مۇھىم تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، تانزانىيە- جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)