ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ، ۋاڭ جىڭجىڭ) 4- ئاينىڭ 26- كۈنى كەچتە، دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 2024- يىللىق ئاسىيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچى ئەلشىر ئۆمەر بىر كۈن ئىلگىرى ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، 4 × 400 مېتىرغا ئارىلاش كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسىدىكى سەپداشلىرىدىن ۋاڭ يالۇن، لى يىچىڭ، ليۇ يىڭلەن بىلەن بىرلىكتە 3 مىنۇت 22 سېكۇنت 46 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن يەنە چېمپىيون بولدى.
4- ئاينىڭ 26- كۈنى كەچتە، دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 2024- يىللىق ئاسىيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئەلشىر ئۆمەر بىر كۈن ئىلگىرى ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، 4 × 400 مېتىرغا ئارىلاش كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسىدىكى سەپداشلىرىدىن ۋاڭ يالۇن، لى يىچىڭ، ليۇ يىڭلەن بىلەن بىرلىكتە 3 مىنۇت 22 سېكۇنت 46 دەقىقىلى نەتىجە بىلەن يەنە چېمپىيون بولدى. ماتېرىيال سۈرەت
بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئەلشىر ئۆمەر 45 سېكۇنت 53 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان 45 سېكۇنت 71 دەقىقىلىق شىنجاڭ ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتى ۋە مەملىكەتلىك ياش- ئۆسمۈرلەر ئوغۇللار 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى زور دەرىجىدە يېڭىلاپلا قالماي، يەنە گو جۇڭزې ساقلاپ كېلىۋاتقان 45 سېكۇنت 66 دەقىقىلىق مەملىكەتلىك ياشلار رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغانىدى. جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا تارىخىدا، 20 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ، ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن تەنھەرىكەتچى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان. بىراق، بۇ نەتىجە بىلەن پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش سىزىقى ئوتتۇرىسىدا يەنە 0.53 سېكۇنت پەرق بار، گو جۇڭزې ساقلاپ كېلىۋاتقان مەملىكەتلىك رېكورت بىلەن يەنە 0.39 سېكۇنت پەرق بار.
ياش، كېلىشكەن ئەلشىر ئۆمەر. ماتېرىيال سۈرەت
بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسىگە جۇڭگو كوماندىسى جەمئىي 34 ماھىرنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن سۈرەت
بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسىگە جۇڭگو كوماندىسى جەمئىي 34 ماھىرنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭ تەنھەرىكەتچى 20 ياش، ئەڭ كىچىكى ئاران 15 ياش. ئالدىنقى ئىككى مۇسابىقە كۈنىدە، جۇڭگو كوماندىسى بەش تۈردە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئاياللار تۈرىنىڭ تۇنجى ئالتۇن مېدالى − ئاياللارنىڭ 3000 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرى بار، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئاياللارنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدىكى نەتىجىسى يەنە ئاسىيا ئۆسمۈرلەر رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)