ئاپتوموبىل ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيىدە «زەخىملەندى»، بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەت كىمدە؟
13:34:40 2024-04-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر مەدىنە، يىن شۆچىن)

 ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل يۇيۇش مۇلازىمىتى مەشغۇلات قىلىش قولايلىق بولۇش، باھاسى ئەرزان بولۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە 24 سائەت ئىشتىن چۈشمەسلىككە تايىنىپ، ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى سۇڭ ئەپەندى ئامراق ئاپتوموبىلىنى مانا مۇشۇنداق ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيىگە ئەكىرىپ يۇيدۇرغاندا، ئويلىمىغان يەردىن، ئاپتوموبىلى ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيىدە «زەخىملەندى».

 2022- يىلى 9- ئايدا، سۇڭ ئەپەندى دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى مەلۇم ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيىگە كېلىپ ئاپتوموبىلىنى يۇيدۇردى. ئاپتوموبىلىنى يۇيۇپ بولۇپ كەينىگە ياندۇرغاندا، ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيىنىڭ يۆگىمە ئىشىكى ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى، سۇڭ ئەپەندى ئاپتوموبىل يۇيۇش شىلانكىسىنىڭ ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرۇش ئەينىكىگە ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى ئاندىن بايقىدى. ئۇ دەرھال ئاپتوموبىلنى توختىتىپ شىلانكىنى جايىغا ئېلىۋېتىپ، ئارقىدىن ئاپتوموبىلنى داۋاملىق كەينىگە ياندۇردى، ئۇنىڭ ئاپتوموبىلى ئويلىمىغان يەردىن ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيىنىڭ توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان يۆگىمە ئىشىكى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، ئاپتوموبىلى زىيانغا ئۇچرىدى.

 سۇڭ ئەپەندى ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيىنى دۆربىلجىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، بۇ ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيىدىن 10 مىڭ يۈەن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

 «ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيىگە ئېنىق مەشغۇلات تەرتىپى چاپلانغان، يۆگىمە ئىشىكنىڭ چۈشۈش ۋاقتىمۇ كەسىپ ئۆلچىمى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان». ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيىنىڭ تىجارەتچىسى لى X مۇنداق دەپ قارىدى: يۆگىمە ئىشىك كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، سۇڭ ئەپەندى ئاپتوموبىلىنى ۋاقتىدا ھەيدەپ ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيىدىن چىقىپ كەتمىگەن، شۇنىڭ بىلەن يۆگىمە ئىشىك چۈشۈۋاتقان جەرياندا تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ھەيدەپ چىقىپ كېتىۋاتقاندا ھادىسە يۈز بەرگەن. ھادىسىنى سۇڭ ئەپەندىنىڭ بىخەستەلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان، زىياننى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 دۆربىلجىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيى تەمىنلىگەن ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيى ئاپتوماتىك يۆگىمە ئىشىكنىڭ ئېچىلىپ 10 سېكۇنتتىن كېيىن يېپىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاۋازلىق مەلۇمات بەردى، سۇڭ ئەپەندى ئاپتوموبىلىنى كەينىگە ياندۇرۇش جەريانىدا نورمال مەيداندىن ئايرىلىش ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، ئاپتوموبىلى بىلەن چۈشۈۋاتقان توكلۇق يۆگىمە ئىشىكنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاۋازلىق ئەسكەرتمە بېرىلگەندىن كېيىن، سۇڭ ئەپەندى بىخەستەلىك قىلىش سەۋەبىدىن ئاپتوموبىلىنى داۋاملىق كەينىگە ياندۇرۇشتىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان ئاقىۋەتنى ئالدىن پەرەز قىلالمىدى، بۇ ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىدە سەۋەنلىكى بار، بۇ ۋەقەدە سۇڭ ئەپەندىنىڭ ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىشىنىڭ قانۇن ئاساسى يوق. 

 بۇ سوت مەھكىمىسى سۇڭ ئەپەندىنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى. سۇڭ ئەپەندى بۇنىڭغا قايىل بولماي، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇندى.

 سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نى تەتبىقلاش توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنىڭ 90- ماددىسىدا، دەۋالاشقۇچىلار ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان دەۋا تەلىپىدە ئاساسلانغان پاكىتنى ياكى قارشى تەرەپنىڭ دەۋا تەلىپىگە رەددىيە بېرىشتە ئاساسلانغان پاكىتنى دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىشى كېرەك، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

 ھۆكۈم چىقىرىشتىن بۇرۇن، دەۋالاشقۇچىلار دەلىل- ئىسپات كۆرسىتەلمىسە ياكى ئۆزىنىڭ پاكىت تەشەببۇسىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتى تولۇق بولمىسا، دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاش جاۋابكارلىقى بولغان دەۋالاشقۇچىلار پايدىسىز ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

 بۇ دېلودا، سۇڭ ئەپەندىنىڭ ئاپتوموبىلى گەرچە ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيىدە زىيانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيىنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدا سەۋەنلىكى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. يېقىندا، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2- سوتتا سۇڭ ئەپەندىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قالدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125