ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئاقتۇ ناھىيەلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تاشقورغان- يەكەن قەدىمىي يولى قۇزۇ تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئارتاش سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ بېسىپ كېتىدىغان رايونىغىچە بولغان يول بۆلىكىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، قىسمەن يوللارنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بۇ يول بۆلىكىنى يېپىق ھالەتتە رېمونت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قۇزۇ تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئارتاش سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ بېسىپ كېتىدىغان رايونىغىچە بولغان بۆلەك 2024- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 2024- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە تاقىلىپ، قاتناشقا چەك قويۇلىدىكەن، ۋاقتى 66 كۈن بولىدىكەن. نۆۋەتتە تاشقورغان ناھىيەسىدىن تار يېزىسىغىچە بولغان يول بۆلىكى تەسىرگە ئۇچرىمىغان.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)