Wi -Fi سۈرئىتىنىڭ تېزراق بولۇشىنى ئويلامسىز؟ بۇ خاتا ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ (3)
16:49:38 2024-04-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 چەترەك ئورۇنغا قويۇلسا تور سۈرئىتى ئەكسىچە تېخىمۇ تېز بولىدۇ

 ھەقىقىي ئەھۋال: ئازادە، دالدا بولمىغان ئوتتۇرىدىكى ھۇجرىغا قويۇش كېرەك

 نۇرغۇن كىشى Wi -Fi روتېرى ئەتراپىدا تورغا چىقسا سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدۇ دەپ قاراپ، روتېرنى كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا ئورنىتىدۇ. بىراق، يەنە بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، Wi -Fi روتېرىنى ئۆينىڭ چەترەك ئورنىغا قويۇپ قويسا، تور سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولىدىكەن. ئەمەلىيەت راستتىنلا شۇنداقمۇ؟ 

 «Wi -Fi روتېرىنىڭ قويۇلغان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، بىر قەدەر ئازادە جايغا قويغاندا توسۇلۇپ قېلىش، دالدا بولۇپ قېلىش ياكى كاشىلا پەيدا بولۇش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلانغىلى ياكى ئۇنى ئازايتقىلى بولىدۇ، لېكىن، بۇ، تور سۈرئىتىنىڭ شۇ سەۋەبتىن تېزلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ»، دېدى بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ دوتسېنتى يەن خۇەيجى.

 «سىمسىز سىگنال ئارىلىقنىڭ يىراقلىشىشىغا ئەگىشىپ ئاجىزلايدۇ، شۇڭا Wi-Fi روتېرىدىن قانچە يىراق بولسا، ئادەتتە سىگنال شۇنچە ئاجىز بولىدۇ». بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى ئۇچۇر ۋە ئېلېكتىرون شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى لى خەي مۇنداق دېدى: ئەڭ ياخشىسى Wi-Fi روتېرىنى كەڭ، توسالغۇسىز ئورۇنغا قويۇش كېرەك، سىمسىز سىگنالنىڭ تارقىلىش ئۈنۈمىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن توسۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، بېتون تام، مېتال بۇيۇم قاتارلىق ماددىلار سىمسىز سىگنالنىڭ تارقىلىشىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر قەدەر كۈچلۈك ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى تارقىتالايدىغان بەزى ئېلېكتىر سايمانلىرى، مەسىلەن، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق خىزمەت قىلغاندا Wi -Fi روتېرىنىڭ خىزمىتىگە كاشىلا قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۆيدە بىر قانچە ھۇجرا بولسا، ئەڭ ياخشىسى Wi -Fi روتېرىنى ئوتتۇرىدىكى ھۇجرىغا قويۇپ، ھەر بىر ئۆي بىلەن روتېرنىڭ ئارىلىقىدىكى تامنىڭ بىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(داۋامى بار)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125