ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، مۇخبىر ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق جەمىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى، يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىپتۇ.
ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكى خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 105؛ بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 95. ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكى خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 100 نومۇر؛ بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايوندىكى 5-، 6- تۈردىكى ھەم چېگرا بويىدىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 90 نومۇر.
مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكى خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 90 نومۇر؛ بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 5-، 6- تۈردىكى ۋە چېگرا بويىدىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 80 نومۇر.
ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكى گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ خەلق ساقچىسىلىق ۋە سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە ساقچىسىلىق خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 130 نومۇر. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكى گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ خەلق ساقچىسىلىق ۋە سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە ساقچىسىلىق خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 130 نومۇر؛ بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 5-، 6- تۈردىكى ھەم چېگرا بويىدىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 120 نومۇر.
ئاپتونوم رايون تاللاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 100؛ بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئىمتىھا بېرىشكە تزىملاتقان تاللاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 90 نومۇر.
4- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 18:00دىن باشلاپ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتى (http: //www.xjrsks.com.cn)گە چىقىپ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. يۈز تۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا شەرتى توشقان ئىمتىھاب بەرگۈچىلەر ئېلاندا بەلگىلەنگەن ۋاقىت دائىرىسى بويىچە بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ سالاھىيەت تەكشۈرۈشكە قاتناشقايسىلەر.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)