ئۆي تاپشۇرغاندا ئالمىشىپ كەتتى، ئۆي ئىگىسى 30 مىڭ يۈەن تۆلەمگە ئېرىشتى
18:20:31 2024-04-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇا جيې، جاۋ پېڭ

ئۆي سېتىۋېلىش كىشىلىك ھاياتتىكى چوڭ ئىش، لېكىن تەرەققىيات سودىگىرى ئىشىك نومۇرىنى خاتا يېزىپ قويۇپ، ئۆي ئىگىسى خاتا ئۆينى ئېلىۋېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز. ئۆي سېتىۋالغۇچى ئۆزىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟

2019- يىلى 11- ئايدا ۋاڭ x ئۈرۈمچىدىن مەلۇم ئۆي- زېمىن شىركىتى سالغان بىر يۈرۈش ئۆينى سېتىۋالغان. 2019- يىلى 12- ئايدا بۇ مەلۇم ئۆي- مۈلۈك شىركىتى ئۆينى ئۆي ئىگىسىگە تاپشۇرغان. كېيىن، ۋاڭ x قولىغا 306- نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئۆي مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنى ئالغان، ھەم ئۆي- جاي مۇلازىمىتى ھەققىنى تاپشۇرغان.

2023- يىلى 3- ئايدا ۋاڭ x ئۆينى باشقىلارغا ساتماقچى بولۇپ، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرمەكچى بولغاندا، مەلۇم ئۆي- زېمىن شىركىتى تاپشۇرغان ئۆينىڭ ئىككى تەرەپ كېلىشىمىدە پۈتۈشكەن 306- نومۇرلۇق ئۆي ئەمەس، بەلكى 301- نومۇرلۇق ئۆي ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

ۋاڭ x شىركەتنىڭ ئۆينى خاتا بەرگەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، مەلۇم ئۆي- زېمىن شىركىتىدىن ئۆزىنىڭ ئالغان ئۆيىنى ئۆزىگە بېرىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن بۇ ئۆي- زېمىن شىركىتى ئۆي ئىگىسى رازى بولغۇدەك ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان.

2023- يىلى 6- ئايدا ۋاڭ x ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەلۇم ئۆي- مۈلۈك شىركىتى ئۈستىدىن دەۋا قىلىپ، سوت مەھكىمىسىدىن بۇ شىركەتنى 34 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىياننى تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق دەپ قارىغان: تەرەققىيات سودىگىرىنىڭ «تاۋار ئۆي ئېلىم- سېتىم توختامى»دا پۈتۈشكەن مەزمۇن بويىچە ئۆي ئىگىسىگە ئۆينى توغرا تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار، ئەگەر ئۆينى خاتا تاپشۇرغان بولسا، ۋاقتىدا تۈزىتىشى ھەم ئۆينى توغرا تاپشۇرۇشى كېرەك، ئەگەر ئۆينى خاتا تاپشۇرغانلىقتىن، ئۆي ئىگىسى زىيانغا ئۇچرىسا، تەرەققىيات سودىگىرى مۇناسىپ زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

بۇ دېلودا، ۋاڭ x بىلەن شىركەت ئىمزالىغان ئۆي باشقۇرۇش تارمىقى ئەنگە ئالدۇرغان «تاۋار ئۆي ئېلىم- سېتىم توختامى» ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەر كېڭىشىش ئاساسىدىكى ھەقىقىي مەقسەت ئىپادىسى بولۇپ، مەزمۇنى قانۇنلۇق، كۈچكە ئىگە، ئىككى تەرەپ كېلىشىم بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ۋاڭ xنىڭ سېتىۋالغىنى 306- نومۇرلۇق ئۆي بولۇپ، بۇ ئۆينىڭ ئىشىك نومۇرى ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلغان، تاۋار ئۆي ئېلىم- سېتىم توختامىدا ئىشىك نومۇرى توختامدىكى ئاساسلىق ماددا مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ، شىركەت كەسپىي ئۆي مۈلۈك كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى تەرەپ توختامدا ئەنگە ئالدۇرغان ئىشىك نومۇرى بىلەن بىردەك بولمىغان ئۆينى تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن، شىركەت ئادا قىلىشقا تېگىشلىك نۇقسان بار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ئىككى تەرەپنىڭ توختام ئىمزالىغان ۋاقتى 2019- يىلى 11- ئاي بولۇپ، سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققان مەزگىلگە كەلگەندە، ئۆي- مۈلۈك شىركىتى ئاندىن توغرا بولغان 306- نومۇرلۇق ئۆينى دەۋاگەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. جاۋابكارنىڭ ئۆينى تاپشۇرۇشتىكى خاتالىقىدا توختامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى مەۋجۇت، گەرچە ئۆينى قەرەلى ئۆتۈپ كەتسىمۇ ۋاقتىدا تاپشۇرماسلىق بىلەن بەلگىلىك پەرق بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا دەۋاگەرنىڭ نورمال ئىشلىتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، دەۋاگەر تاپشۇرغان ئۆي پۇلىنىڭ مەبلەغ ئىگىلەش زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىككى تەرەپ «تاۋار ئۆي ئېلىم- سېتىم توختامى»دا ئۆينى تاپشۇرۇشتا خاتالىق يۈز بېرىش توغرىسىدا پۈتۈشمىگەن  بولسىمۇ، لېكىن ئۆينى تاپشۇرۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى بويىچە ھېسابلاش ئۇسۇلى توغرىسىدا پۈتۈشكەن. دەۋاگەرنىڭ ئۆينى خاتا تاپشۇرۇشتا ئوخشاشلا ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرمەسلىكتەك بىپەرۋالىق قىلمىشى بارلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ۋاڭ x بۇ دېلودا تەشەببۇس قىلغان زىيانغا قارىتا، سوت مەھكىمىسى ئۆينى تاپشۇرۇش قەرەلى ئۆتۈپ كەتسە تاپشۇرۇلىدىغان توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى سوممىسى بويىچە، ئەھۋالغا قاراپ 30 مىڭ يۈەن تۆلەش كېرەكلىكىنى بېكىتكەن.

مەلۇم ئۆي- مۈلۈك شىركىتى بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماي، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. يېقىندا سوت مەھكىمىسى ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قېلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.

سوتچىنىڭ ئەسكەرتمىسى:

ئۆي سېتىۋالغاندا، ئىستېمالچىلار چوقۇم توختامدىكى مەزمۇننىڭ ھەم ئۆينىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنىڭ توغرا بولۇشىغا دىققەت قىلىشى، ئۆزىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتى دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىغاندا ۋاقتىدا ھوقۇقىنى قوغداپ، ئورۇنسىز زىيان كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۆي- زېمىن تەرەققىيات سودىگىرى ئاساسىي باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆي تاپشۇرۇش قاتتىق تەرتىپى بويىچە ئۆينى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125