ما شىڭرۇي ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
19:26:39 2024-04-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 4- ئاينىڭ 27- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ناھىيە، شەھەرلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نېفىت- تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئالىي مائارىپ قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق، ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلەرنى چۆرىدەپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت نۇقتىلىق ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئۇلنى كۈچەيتىپ، خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاشتەك ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ خىزمەت پۈتۈن ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، رايونلارنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

4- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي شىنجاڭ بويۈەن نېفىت- تەبىئىي گاز ئېچىش چەكلىك شىركىتى كەلپىن شىمالىي 1- رايون بۆلىكى ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تۈرىنىڭ 2- قارارلىق قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا كېلىپ، تەبىئىي گازنى چارلاش، سىناق تەرىقىسىدە قېزىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئاقسۇ ۋىلايىتى نېفىت- تەبىئىي گاز بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە. ما شىڭرۇي بويۈەن نېفىت- تەبىئىي گاز ئېچىش چەكلىك شىركىتى كەلپىن شىمالىي 1- رايون بۆلىكى ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تۈرىنىڭ 2- قارارلىق قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا كېلىپ، تەبىئىي گازنى چارلاش، سىناق تەرىقىسىدە قېزىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، «قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى قېزىلما بايلىقلارنى قېزىشقا ئايلاندۇرۇش» خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ما شىڭرۇي ئاقسۇ شەھىرىدىكى شىنسۇدى 2- نومۇرلۇق قۇدۇققا كېلىپ، گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلاردىن نېفىت- تەبىئىي گاز قاتارلىقلار بويىچە ئېنېرگىيە چارلاش سۈرئىتى ۋە نەتىجىسىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، چارلاش- ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، سىجىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ،

 تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش» ۋە «قېزىلما بايلىقلارنى قېزىش»تىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ھالقىنى چۆرىدەپ مەركەزلىك كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش كېرەك. تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش، ئېچىشقا قاتنىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز كەسپىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشكە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، نۇقتىلىق تۈرلەر ئارقىلىق سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 كەلپىن ناھىيەسى سۇباش سۇ ئامبىرىدىكى لاي- لاتقىلارنى تازىلاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، سۇ ئامبىرىنىڭ ئامبار سىغىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ تەڭشەش، سۇ ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، لاي- لاتقىلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، چۆللۈكتە ئېتىز بەرپا قىلىش تۈرىنى باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويدى. ما شىڭرۇي سۇ ئامبىرىدىكى لاي- لاتقىلارنى تازىلاش نەق مەيدانىغا كېلىپ خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئۆزگەرتىلىۋاتقان تېرىلغۇ يەرلەرگە كىرىپ، تۇپراقنىڭ سۈپىتى، تۇپراقنىڭ مۇنبەتلىكى، كېيىنكى مەزگىللىك تېرىقچىلىققا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: لاي- لاتقىلارنى تازىلاپ ئېتىز بەرپا قىلىش سۇ- تۇپراق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە رايون سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈردى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، كۆپ خىل ئۈنۈمنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاشلىقنى كۆپ تېرىش، ئاشلىقنى ياخشى تېرىش كېرەك. سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، چوڭ- چوڭ سۇ بايلىقى تەقسىملەش قۇرۇلۇشى ۋە سۇ بايلىقىنى تەڭشەش، ساقلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ كاپالىتى، سۇ تىرىكىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي يەنە شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىگە كېلىپ، مەكتەپنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇش- ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، جېجياڭدىن كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، «پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار پىلانى»دىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئۇلارنى ئەۋزەللىكى، رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئالىي مائارىپ، بولۇپمۇ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى مائارىپىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا زىچ يېقىنلىشىپ، پەن، كەسىپ تەسىس قىلىش بىلەن رايون كەسىپ تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنىڭ زىچ جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ سىغدۇرۇش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، يېتىشتۈرۈش كۆلىمىنى ئىلمىي كېڭەيتىپ، كۆپ يول ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا كۈچەپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رايون كەسىپلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش، زامانىۋىلاشقان شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەردىكى تىرەكلىك كۈچى ۋە تۈرتكىلىك كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مائارىپنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي بازىلىق رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تىرىشىپ ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى پۇختىلاش، تىرىشىپ سۈپەت- ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ كۆلىمى، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي تىرىكىنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان، نېگىزلىك رول ئوينايدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125