ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چياڭۋېي) مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 20دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ6001 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن كۆتۈرۈلۈپ، بىۋاسىتە رۇسىيەنىڭ موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان. بۇ، 2019- يىلى 11- ئايدا بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش توختىغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم تىجارەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بولۇپ، ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى موسكۋاغا ئۇچىدىغان ۋاقتى ئەڭ قىسقا خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدىكەن.
4- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتىنىڭ تاموژنا خادىمى چېگرادىن چىقىدىغان يولۇچىلارغا سىياسەت تەشۋىق قىلماقتا. جېڭ يىڭ فوتوسى
بۇ قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بېرىپ- كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ6001/2 بولۇپ، كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلان ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدۇ، بېرىشتا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 21دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋاغا يېتىپ بارىدۇ، قايتىشتا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋادىن ئۇچۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ، يەككە مۇساپىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى تەخمىنەن ئالتە سائەت بولىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)