جاڭ جۇ ئۆمەك باشلاپ چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى ليۇ شياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ لىجېڭ) 4- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ ئۆمەك باشلاپ ئايرىم- ئايرىم ھالدا بايىنغولىن، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بېرىپ، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ چاقىلىق، چەرچەن، نىيە، كېرىيە، چىرا، لوپ قاتارلىق ناھىيەلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرمۇبىر يېتەكچىلىك قىلدى، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، جاڭ جۇ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنىڭ جۇغراپىيەلىك كىلىمات شارائىتى، قۇملۇق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشتىكى تىپىك ئۇسۇل ۋە تەجرىبە ئەندىزىسىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، كېڭەيتىپ، قاتتىق ئىشلەپ، تېز ئىشلەپ، كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشتىكى ئۈلگە ۋە تىپنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.
جاڭ جۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى قۇملۇق گىرۋىكىنى قاشالايدىغان بوش بەلباغقا، بوستانلىق گىرۋىكىدىكى قۇم- بوران خەۋپى رايونى، مۇھىم ئەسلىھەلەرنى قوغداش رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى تاللاش كېرەك. مۇناسىپ سىياسەت- تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش تۈزۈلمە- مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت كاپىتالى ۋە جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، يېتەكلەش كېرەك. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئەمەلىي تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، ئىلمىي قۇم تىزگىنلەشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش بىلەن سىستېمىلىق تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك.
باتۇ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)