مۇخبىر سۈرۈشتۈرۈش | پويىز ئىستانسىسىدا ياشانغانلار ۋە بالىلارنى ۋوگزالغا ئەكىرىپ قويىدىغان، ۋوگزالدىن چىقىرىپ قويىدىغان مۇلازىمەت بارمۇ؟
16:13:54 2024-04-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن)

 يېقىندا، «كۈرەش قىلغۇچى ئانا» ناملىق بىر تورداش «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش سۇپىسى»دا، غۇلجا شەھىرىدىكى ۋوگزالنىڭ يالغۇز ھەرىكەت قىلىدىغان ياشانغانلار، بالا كۆتۈرۈۋالغان يولۇچىلارنى ۋوگزالغا ئەكىرىپ، ۋوگزالدىن چىقىرىپ قويىدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

 مۇخبىر «كۈرەش قىلغۇچى ئانا» ناملىق تورداش بىلەن ئالاقىلىشىپ، تورداشنىڭ ئانىسىنىڭ بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەنلىكىنى، دائىم غۇلجا شەھىرىدىكى ۋوگزالدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ساۋەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنى يوقلايدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ دائىم ئانىسى بىلەن بىللە بارالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە موماينىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ موماينىڭ ۋاگوننى تاپالماي، سەپىرىگە دەخلى يېتىشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدى.

 بۇ تورداشنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش سۇپىسى»دا تەكلىپ بەرگەندىن كېيىن، ۋوگزالدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلەشكەن ھەم ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا يولۇچىنىڭ ۋوگزالغا ئەكىرىپ قويىدىغان، ۋوگزالدىن چىقىرىپ قويىدىغان ئالاھىدە ئېھتىياجى بار بولسا، تېلېفوندا ئالدىن كېلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ۋوگزالغا ئەكىرىپ قويىدىغان، ۋوگزالدىن چىقىرىپ قويىدىغان مۇلازىمەتچى خادىمنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ بىر قېتىم ئالدىن كېلىشىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلغاندا، تېلېفوننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ياشانغانلارنى ۋوگزالغا ئەكىرىپ قويىدىغان، ۋوگزالدىن چىقىرىپ قويىدىغان مۇلازىمەتنى ئالدىن كېلىشىش ئۈچۈن قايتا تېلېفون بەرمىگەن.

 ئارقىدىن مۇخبىر جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قورغاس بېكىتى غۇلجا ۋوگزالىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلەشتى، بۇ مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ۋوگزال ئىچىدە ياشانغانلار ۋە بالىلارنى ۋوگزالغا ئەكىرىپ قويىدىغان، ۋوگزالدىن چىقىرىپ قويىدىغان ئالاھىدە مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق بولغاندا، يولۇچىلار 12306گە تېلېفون بېرىپ ئالدىن كېلىشسە بولىدىكەن، ئالدىن كېلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، خىزمەت سىستېمىسىدا ئېلېكتىرونلۇق نۇقتىلىق يولۇچىلار مۇلازىمەت ئىش تالونى شەكىللىنىدىكەن، ۋوگزالدىكى خىزمەتچى خادىملار تالوننى تاپشۇرۇۋالىدىكەن ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن يولۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يولۇچىنى ئېھتىياجلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

 بۇ مەسئۇل كىشى تورداش بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن، بۇ تورداشنىڭ ئالدىن كېلىشىش ۋاقتىدا، ئالدىن كېلىشىش تاللاش تۈرى ئىچىدە پەقەت ئەمالار ۋە چاقلىق ئورۇندۇقتىكىلەرنى ۋوگزالغا ئەكىرىپ قويىدىغان، ۋوگزالدىن چىقىرىپ قويىدىغان ئالاھىدە ئىككى خىل مۇلازىمەتنىڭ بارلىقىنى، تورداشنىڭ ئۆيىدىكى ياشانغان كىشى ئەكىرىپ قويىدىغان، چىقىرىپ قويىدىغان بۇ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش تۈرىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىن كېلىشىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدى.

 ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قورغاس بېكىتى غۇلجا ۋوگزالىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: 12306 تېلېفونىغا تېلېفون بېرىپ ئالدىن كېلىشىش ئۇسۇلى ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. بۇ تورداشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالاقىدار مۇلازىمەتنى ئالدىن كېلىشىپ قويدى، شۇ چاغدا خىزمەتچى خادىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە بۇ تورداشنىڭ ئانىسىنى پويىزغا چىقىرىپ قويىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125