ئەتىگەندە ماي قاچىلىسا تېخىمۇ پۇل تېجىگىلى بولامدۇ؟ رەنيوۋباۋ يىغىلىپ قالغان كاربوننى تازىلىۋېتەلەمدۇ؟ تۇرمۇشتىكى «ماي قاچىلاش»قا ئائىت خاتا قاراشلارنى چۈشىنىپ باقايلى (4)
17:12:49 2024-04-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پىتنە- ئىغۋا: گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىنىڭ سۇ چىقىرىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ماي سۈپىتىنىڭ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىگەنلىكىدىن بولىدۇ

ھەقىقىي ئەھۋال: بېنزىن كۆيگەندىن كېيىن سۇ پارى سوغۇققا يولۇققاندا سۇغا ئۆزگىرىدۇ

 قىش پەسلىدە، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ، نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىسى مۇنداق بىر ئەھۋالنى بايقايدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاپتوموبىلنىڭ گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىدىن سىرتقا سۇ تامچىلايدۇ، ھەتتا ئۈزۈلمەي «سۇ ئاقىدۇ». نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئەندىشىگە چۈشۈپ، بۇنى «قاچىلىغان ناچار بېنزىن كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالىدۇ. 

 بېنزىن تولۇق كۆيگەندىن كېيىن سۇ ۋە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ھاسىل بولىدۇ، سۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا سۇ پارىغا ئايلىنىدۇ، ئەمما تېمپېراتۇرا 100 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولغاندا، سۇ پارى سوۋۇپ سۇغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر سوۋۇغان سۇ تامچىسى يىغىلىپ قالسا، سۇيۇق ھالەتتىكى سۇغا ئايلىنىپ، مەلۇم مىقدارغا يەتكەندە گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى ئارقىلىق چىقىرىۋېتىلىدۇ. شۇڭا، گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىدىكى سۇ ئەمەلىيەتتە بېنزىن كۆيگەندىن كېيىن ھاسىل بولغان سۇ پارىنىڭ گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى ۋە ئاۋاز يوقاتقۇچتا سوۋۇغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

 تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاپتوموبىلنىڭ گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىدا ئادەتتە سۇ چىقىرىۋېتىشكە ئىشلىتىلىدىغان بىر كىچىك تۆشۈك بولىدۇ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى قانچە تۆۋەن بولسا، سۇنىڭ ئېقىش ئەھۋالى شۇنچە روشەن بولىدۇ. جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى پەن- تېخنىكا تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېرى گو چۈن مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدا، قىش پەسلىدە ئاپتوموبىللار قىزىل چىراغدا ساقلىغاندا، ھەمىشە بىر قاتار ئاپتوموبىلنىڭ كوللېكتىپ «سۇ چىقىرىش» ھادىسىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنداق ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشى ماي قاچىلىغان مايدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن ئەمەس، يېقىلغۇ ماي سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىدىنمۇ ئەمەس، ئەكسىچە موتوردا بېنزىننىڭ تولۇق كۆيۈپ، موتورنىڭ ياخشى ئايلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

 لېكىن، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىدىكى سۇيۇقلۇق قارا رەڭلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى يېپىشقاق بولسا، يەنە كېلىپ كۆك ئىس قوشۇلۇپ كەلسە، ئاپتول ناھايىتى تېز خوراپ كەتسە، موتورنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۆرۈنەرلىك يېتەرسىز بولسا، بۇنداق ئەھۋال موتورنىڭ پورشېن، سىلىندىر قاپلىمىسى، پورشېن ھالقىسىنىڭ يوچۇقىنىڭ بەك چوڭىيىپ كېتىپ، نورمال ئىشلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇڭا دەرھال كەسپىي جەھەتتىن تەكشۈرتۈپ رېمونت قىلدۇرۇش كېرەك.

 (داۋامى بار)

 پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125