4- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى شىمالىي 2- يول 7- كوچا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا پەسىللىك مېۋە- كۆكتاتلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرمەكتە.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ، پىكىر بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ياخشى ھېس قىلدىم. تىجارەتچىلەر سەمىمىي تىجارەت قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەچكە، بىز ئىستېمالچىلار مال سېتىۋالغاندا تېخىمۇ خاتىرجەم بولدۇق»، دېدى ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي 2- يول 7- كوچا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا كۆكتات سېتىۋاتقان شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ جيەنجۈن.
4- ئاينىڭ 28- كۈنى، بايراملىق بازار ئىستېمال ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازىرى، يېمەك- ئىچمەك دۇكىنى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، كۆڭۈل ئېچىش مەيدانلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئورنى قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، بايرامدا بازىرى ئىتتىك بولىدىغان يېمەكلىكلەر، پەسىللىك مېۋە- كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، گۈرۈچ، ئۇن، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ نازارەت قىلدى، تەكشۈردى.
«دۇكىنىمىزغا كىرگۈزۈلگەن كۆكتاتلار چوقۇم ئۆلچەملىك تەرتىپ بويىچە بولىدۇ، ئاشخانىدىكى كۆكتاتلارنىڭ يۇيۇلغان ۋە يۇيۇلمىغانلىرى، خام ۋە پىششىقلىرى ھەممىسى ئايرىم ساقلىنىدۇ، دۇكىنىمىز يېمەكلىك مەنبەسى، تازىلىق قاتارلىقلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى بىخەتەر، ئازادە غىزالىنىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ»، دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ يولى خۇيجيا دەۋر مال سېتىۋېلىش مەيدانى شيابۇ شيابۇ تاماقخانىسىنىڭ دىرېكتورى لى دېلۇڭ.
ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ جۈنخۇڭ مۇنداق دېدى: بايرام مەزگىلىدە، بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرى 12315 ئەرز قىلىش، پاش قىلىش قىزىق لىنىيەسىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، نۆۋەتچىلىك- دىجورنىلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداشنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك قوغدايدۇ.
4- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى شىمالىي 2- يول 7- كوچا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا پەسىللىك مېۋە- كۆكتاتلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرمەكتە.
4- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بېيجىڭ يولى خۇيجيا دەۋر مال سېتىۋېلىش مەيدانىدىكى بىر تاماقخانىنىڭ ئاشخانىسىنى تەكشۈرمەكتە.
4- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى شىمالىي 2- يول 7- كوچا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى بىر دۇكاندا سېتىلىۋاتقان ئاق ھاراقلارنى تەكشۈرمەكتە.
4- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بېيجىڭ يولى خۇيجيا دەۋر مال سېتىۋېلىش مەيدانىدا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە، سۈرۈشتۈرمەكتە.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)