شەربەت ئىچىش مېۋە يېگەنگە باراۋەر بولامدۇ؟
16:50:23 2024-04-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 سوئال: شەربەت ئىچىش مېۋە يېگەنگە باراۋەر بولامدۇ؟

 جاۋاب: شەربەت ئىچىش بىلەن مېۋە يېيىش ئەمەلىيەتتە ئىككىسى ئوخشاش ئەمەس.

 ئالدى بىلەن، مېۋىنى شەربەتكە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، ئوزۇقلۇق قىممىتى سەل تۆۋەنلەيدۇ، مەسىلەن، كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارىنى ئالساق، مايمۇن شاپتۇلى شەربىتىنى سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن ۋىتامىن Cنىڭ ساقلىنىش نىسبىتى %88، ساۋمېي شەربىتىنى سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن ۋىتامىن Cنىڭ ساقلىنىش نىسبىتى %71.11، چېڭزى شەربىتىنى سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن ۋىتامىن Cنىڭ ساقلىنىش نىسبىتى %67.24 بولىدۇ، ئەگەر شەربەت سىقىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن قالدۇقلىرى تاشلىۋېتىلسە، يېمەكلىك تالاسى يەنىمۇ خوراپ كېتىدۇ.

 ئىككىنچىدىن، شەربەتتىكى شېكەرنىڭ ھەممىسى ئىيونلاشقان شېكەر بولۇپ، ئەسلىدە يېڭى مېۋىلەردىكى شېكەرنىڭ ھەممىسى ھۈجەيرە ئىچىدە بولىدۇ، بۇ «ئىچكى مەنبەلىك شېكەر» دەپ ئاتىلىدۇ، شەربىتىنى سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن ھۈجەيرە دىۋارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، شېكەر تەركىبى ھۈجەيرە سىرتىغا چىقىپ كېتىپ، ئىيونلاشقان شېكەرگە ئايلىنىدۇ، ئىيونلاشقان شېكەرنىڭ قان شېكىرىگە بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئاسانلا قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەربەتنى ئاسانلا ئىچىۋەتكىلى بولىدۇ، تويۇش تۇيغۇسىمۇ كۈچلۈك ئەمەس، ئىككى چوڭ ئىستاكان شەربەت بولسىمۇ غورتۇلدىتىپ بىراقلا ئىچىۋېتەلەيمىز. مەسىلەن، ئىككى تال چوڭ ئالمىنى بىۋاسىتە يەپ بولۇش ناھايىتى تەس، ئەمما ئىككى تال چوڭ ئالمىدىن سىقىپ چىقىرىلغان شەربەتنى ئىچىش ناھايىتى ئاسان.

 مېۋە يېيىشنىڭ ئورنىغا دائىم شەربەت ئىچكەندە، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشى تېز، ئىسسىقلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يۇقىرى بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ، شېكەرنى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا پايدىسىز، يەنە چىشنى قۇرت يېيىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

 تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مۇكەممەل مېۋە يېيىش، بولۇپمۇ لەنمېي، ئۈزۈم ۋە ئالما يېيىش 2 تىپلىق دىيابېت خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن؛ شەربەتنى كۆپ ئىچىش 2 تىپلىق دىيابېت بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

 شۇڭا، شەربەت ئىچىشنى مېۋە يېيىش بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويماسلىق كېرەك، ساغلاملىق دەرىجىسىدىن ئېيتقاندا، مۇكەممەل مېۋە ئەڭ ياخشى، ئۇنىڭ كەينىدە مېۋە بوتقىسى تۇرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا شەربەت تۇرىدۇ.

 پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125