قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئاشۇ بىر جۈپ يىرىك، ئىللىق قول
17:51:59 2024-04-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شۆ جىڭياۋ

 «موما، بولدى يامىماڭ. كىچىك بالا تېز چوڭ بولىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە يەنە يېڭىسىنى سېتىۋالساقلا بولىدۇ»، دېدىم مەن سافادا ئولتۇرغان مومامغا قاراپ، «بۇنداق ياخشى كىيىمنى تۈزەشتۈرۈپ قويسام يەنە كىيگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن چەۋرەمگە بۇ ئىشنى قىلىپ بېرىشنى خالايمەن» دەپ مومام مېنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ ئەستايىدىل كۆزلىرى ۋە كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرغان چەۋرىسىگە بولغان مۇھەببەتنى كۆرۈپ، موماينىڭ قارىشىنىڭ بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، شۇ چاغدا مۇنازىرىلەشمەيلا كېتىپ قالدىم.

 بىر كۈنى دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، مەن ئاشۇ ئىشنى ئادەتتىكىچە يوسۇندا سۆزلەپ بېرىپ، مومامنى كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋەتكەندەك ھېس قىلغانلىقىمنى، سالامەتلىكىگىمۇ دىققەت قىلمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردىم. دوستۇم تۇيۇقسىز ئاۋازىنى كۆتىرىپ مېنى قاتتىق ئەيىبلەپ: «سەن نېمىنى بىلەتتىڭ، ئۇ موماينىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتى، سەن ھازىر چوڭ بولدۇڭ، ئۇ ئەمدى سېنى كىچىك ۋاقتىڭدىكىدەك كۆتىرىپ قويالمايدۇ، ئاشۇ بىر جۈپ ئىللىق، يىرىك قولى بىلەن سېنى سىلاشقا ئامالسىز. ئۇ بىزنىڭ چوڭ بولۇپ قالغانلىقىمىزنى بىلىدۇ، بىزنى خىجىل قىلغۇسى كەلمەيدۇ»، دېدى. بۇ گەپلەرنى دەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بىردىنلا سۈكۈتكە چۆمدى، مەن ئۇنى بەزى كۆڭۈلسىز ئىشلىرى ئېسىگە كېلىپ قالدىمىكىن، دەپ ئويلىدىم. مەن ئىككىلىنىپ قېلىپ: «ھەي، ئاغىنە، نېمە بولدى؟ بىرەر ئىش بولسا ئىچىڭگە سېلىۋالما. دەۋەتسەڭ ياخشىراق»، دېدىم. بۇ گەپلەرنى دەپ بولغاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا ئۈن- تىنسىز قارىدىم، سىز 30 نەچچە ياشلىق بىر يىگىتنىڭ ئۈن- تىنسىز ياش تۆكۈۋاتقانلىقىنى ئويلاپ يېتەلەمسىز، بىردەمدىن كېيىن ئۇ ماڭا مومىسىنىڭ بۇلتۇر ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەسلىدە ئۇ كىچىك ۋاقتىدا مومىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپتىكەن، مومىسى ھەر قېتىم يەيدىغان، ئىشلىتىدىغان ياخشى نەرسىلەرنى ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا بېرىدىكەن، ئۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا، مومىسى ھەمىشە مېھرىبان كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارايدىكەن، بىر جۈپ يىرىك، ئىللىق قولى بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ، مۇلايىملىق بىلەن: «ھېچقىسى يوق، قورقما، مەن سېنى قوغدايمەن»، دەيدىكەن. ھەر قېتىم بۇلارنى ئويلىغىنىدا، ئۇ خىزمەتتىن بوشىغان ۋاقىتلىرىدا نېمىشقا مومىسىنى كۆپرەك يوقلاپ بارمىغانلىقىغا، ئۆزىنى سىلاتقۇزۇپ باقمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدىكەن. 

 مېنىڭچە، ۋاقىت نۇرغۇن نەرسىنى كۆمۈپ قويالايدۇ، لېكىن كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان دەقىقىلەر ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى ھەقىقىي ھېسسىياتنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. تۇغقاندارچىلىق بۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھەم تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان ھېسسىيات، ئۇ ئۇقۇشماسلىق، ئۇرۇشۇش، ئارازلىق سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يوقاپ كەتمەيدۇ. بىر چاغلاردا، موماممۇ ئاشۇ يىرىك، ئىللىق قوللىرى بىلەن كىچىككىنە بېشىمنى سىلاپ، قولۇمنى قويۇۋەتمەي تۇتۇۋېلىپ، خۇشال ھالدا ماڭا ھېكايە ئېيتىپ بېرەتتى. قاچانلاردىدۇر، مەن ئۇنىڭدىن ئېگىز بولۇپ كەتتىم، لېكىن ئۇ بارغانسېرى قېرىپ، ئاۋايلاپ ماڭىدىغان بولۇپ قالدى. ھەر قېتىم قولىنى سۇنۇپ بېقىپ يەنە قايتۇرۇۋالاتتى. بىر چاغلاردا، ھەر قېتىم ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، لېكىن ماڭا قارىغاندىكى كۆزلىرى خۇددى كىچىك ۋاقتىمدىكىدەك ئىدى. مەن ئەزەلدىن ۋاقىتنىڭ بۇنداق تېز ئۆتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. شۇنداقلا، مومامنىڭ نېمىشقا مېنى كۆرگەندە قولىنى سۇنىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، ئەسلىدە مەن چوڭ بولۇپ كېتىپتىمەن، غورۇرلۇق ۋە مەغرۇر بولۇپ كېتىپتىمەن، ئۇنىڭ بېشىمنى سىلاپ بېقىشى ئۈچۈن ئېگىلىپ بېرىشنى خالىماس بولۇپ قاپتىمەن. كېيىن يەنە ئۆزۈمنىڭ كىچىك ئائىلىسى بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك يېقىنلاشمايدىغان بولۇپ قاپتىمەن. 

 ھەممە نەرسە تاسادىپىيلىق ئەمەس، مەن ئاخىرى مومامنىڭ مۇھەببىتىنى چۈشەندىم. ھازىر مومام ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ بالامنىڭ كىيىملىرىنى ياماپ بېرىدۇ، ئۇنىڭغا كىچىك چاپان، كىچىك ئىشتان تىكىپ بېرىدۇ. مەن ھەر قېتىم كىچىك دوستنى ئۇنىڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ، ئۈن- تىنسىز ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىمەن. كەلگۈسىنى بىلگىلى بولمايدۇ، مەن يەنە قانچىلىك ۋاقىت ئۇنىڭغا مۇشۇ ھالدا ھەمراھ بولالايدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، لېكىن ھازىر ئۇنىڭ قورۇق باسقان چىرايى، خۇشال تەبەسسۇمى، مېھرىبانلىققا تولغان كۆزلىرى، ئاشۇ ئىللىق، يىرىك قوللىرىنى كۆرەلەيدىغانلىقىمدىن ناھايىتى رازى بولىمەن، پەقەت ۋاقىتنىڭ لەگلىكىنىڭ ئىزچىل جايىدا تۇرۇشىنى، ئۇنىڭ ئىزچىل بار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

 بۈگۈن كېچە چۈشۈمدە، ئاشۇ بىر جۈپ ئىللىق، يىرىك قول بېشىمنى ئاۋايلاپ سىلاپ چىقتى، مەن خاتىرجەم ئۇخلاپتىمەن.

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125