4- ئاينىڭ 25- كۈنى كەچتە، شىنجاڭلىق بىر كاۋاپچى يىگىتنىڭ جياڭسۇ چاڭجوۋدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن شوپۇرنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغان، قۇتقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈن- تىنسىز كېتىپ قالغان سىنى تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. يىگىتنىڭ ئىسمى سېيىتئەزىز نۇرمەمەت، 1996- يىلى تۇغۇلغان، قەشقەر قاغىلىقتىن، پارتىيە ئەزاسى، ھازىر جياڭسۇنىڭ چاڭجوۋ شەھىرىدە شىنجاڭ كاۋاپخانىسى ئېچىۋاتىدۇ.
يېقىندا، سېيىتئەزىزنىڭ قەشقەردىكى ئائىلىسىدىكىلىرى ئۇنىڭ ئادەم قۇتقۇزغان سىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى بەس- بەستە ئالقىشلىدى. ئوخشاشلا پارتىيە ئەزاسى بولغان ئانىسى كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا: «بالام، سېنىڭدىن پەخىرلىنىمەن»، دېدى.
سېيىتئەزىزنىڭ يېزنىسىمۇ پارتىيە ئەزاسى، ئۇ مۇنداق دېدى: سېيىتئەزىز كىچىكىدىنلا ناھايىتى ئىش ئۇقىدىغان بالا ئىدى، ئۆينىڭ ئېتىز ئىشلىرىغا، قوشنىلىرىنىڭ يېرىنى سۇغۇرۇشىغا ياردەملىشەتتى، باشقىلار ئېھتىياجلىق بولسىلا، ئۇ ياردەم بېرەتتى، شۇڭا بۇ قېتىم ئادەم قۇتقۇزغانلىقىنى كۆرۈپ بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەيران قالمىدۇق.
سىن تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تورداش بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن باشمالتىقىنى چىقىرىپ «بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاقكۆڭۈل ئىكەن ...» دېدى.
(سىن مەنبەسى: قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)