«1- ماي» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ
13:56:44 2024-04-29 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 60 نەچچە ئاپتوموبىل ماركىسى، مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل تىپى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

 2024- يىللىق شىنجاڭ «1- ماي» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە «ئاقىل ئاپتوموبىل ھەيدەش، كەلگۈسى تۇرمۇشنى يورۇتۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 60 نەچچە ئاپتوموبىل ماركىسى، مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل تىپى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

 ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا يەنە يېڭى ئاپتوموبىللارنى ئېلان قىلىش پائالىيىتى، سىناپ ھەيدەپ بېقىش، ئاپتوموبىل مەدەنىيىتى ھەمتۈرتكە پائالىيىتى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىستېمالچىلارغا ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلىرى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلىدۇ.

 بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىلىرى بىر يەرگە جەم قىلىنىدۇ، مېرسىدىس- بېنىز، باۋما، ئاۋدى، تويوتا، خوندا، داجۇڭ قاتارلىق داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىلىرى، يەنە فاڭچېڭباۋ، بىيادى، لىشياڭ، لىڭپاۋ، نېجا قاتارلىق يېڭى ئاپتوموبىل ماركىلىرىمۇ كىلاسسىك ئاپتوموبىل تىپلىرى ۋە ئەڭ يېڭى ئاپتوموبىل تىپلىرى بىلەن بىللە ئاپتوموبىل سانائىتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىياتنى نامايان قىلىدۇ.

 دۆلەت ئىچىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەمدە ئېلېكتىرلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز ماركىسىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپلىرى يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىلىدىن ئېشىپ كەتتى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك بازارغا قاراپ تېز قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى. بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە گۇاڭچى چۇەنچى، گۇاڭچى ئەيئەن، چىرۇي فېڭيۈن، يىچىخۇڭچى قاتارلىق دۆلىتىمىز ماركىسىدىكى ئاپتوموبىل كارخانىلىرى بەس- بەستە يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى كۆرگەزمە قىلىدۇ. بىيادى، لەنتۇ، لىشياڭ قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ماركىلىرىمۇ كۆپ خىل يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى كۆرگەزمە قىلىدۇ.

 بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل بازىرىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. يېقىندا گوۋۇيۈەن تارقاتقان «كەڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى»دە ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئوبوروتتىكى توسالغۇلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، پەلەمپەيسىمان ئاپتوموبىللار ئىستېمالى، يېڭىلاش ئىستېمالى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتوموبىل سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كارخانىلىرىنىڭ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە مەدەت بەردى. ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە نەق پۇل تۆلىسە باھادا ئېتىبار بېرىش، پۇل مۇئامىلە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرسا باھادا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئېتىبارلار بېرىلىدۇ.

 شىنجاڭ «1- ماي» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ كېچېن مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە بولۇپلا قالماي، يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىكى ياخشى پۇرسىتى. بۇ سەھنىدە ھەرقايسى چوڭ ئاپتوموبىل كارخانىلىرى بەس- بەستە ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئاپتوموبىللىرىنى، بولۇپمۇ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپلىرىنى بازارغا سېلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

 ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ «1- ماي» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ئۇدا 12 يىل ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ئاپتوموبىل سېتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىستېمال ئىچكى ئېھتىياجىنى قوزغىتىش، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

 بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى P1 (غەرب تەرەپتىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى)، P2 (شەرق تەرەپتىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى)نى تەكرار ئىشلىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى ئەڭ زور چەكتە ئۆستۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا كەڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئاپتوموبىلنى يېقىن ئەتراپتا توختىتىپ، مەدەنىي يول يۈرۈشى ئەسكەرتىلدى.

 ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى نۇەنشىن 1- يولى، 532- يول، 78 -، DK1 -، 4001- يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ، يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى بېكىتىدە چۈشسە بولىدۇ.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125