پاسىلداق قۇتىنى سىگنال كۈچەيتكۈچ قىلىشقا بولامدۇ؟
ھەقىقىي ئەھۋال: توغرا ئۆزگەرتىش تەس، قويۇلغان ئورۇننى كۆڭۈل قويۇپ تەڭشەش كېرەك
نۇرغۇن «خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن رېتسېپ» ئىچىدە، پاسىلداق قۇتا ھازىر توردا ئەڭ كەڭ تارقالغان سىگنال كۈچەيتىدىغان «خىسلەتلىك ئەسۋاب». بۇنىڭ ئۇسۇلى قۇتىنى كېسىپ، قۇتىنىڭ چوققىسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇنى Wi -Fi روتېر ئانتېننىسىغا تەتۈر قويۇپ قويۇشتىن ئىبارەت. بەزى تورداشلارنىڭ ئېيتىشىچە، مۇشۇنداق ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، Wi -Fi سىگنالىنىڭ تولۇق بولۇشى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇنىڭغا قارىتا، بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى ئۇچۇر ۋە ئېلېكتىرون شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى لى خەي چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: پاسىلداق قۇتىنى Wi -Fi نىڭ سىگنال كۈچەيتكۈچ قىلىش پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، يۆنىلىشلىك ئانتېننانى Wi -Fi تەمىنلىگەن تولۇق يۆنىلىشلىك ئانتېننانىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتىن ئىبارەت، بۇ بەلگىلىك ئىلمىيلىككە ئىگە، لېكىن ئادەتتىكى ئابۇنىچىلارنىڭ پاسىلداق قۇتىنى ئۆزلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىدىغان قىلىپ توغرا ئۆزگەرتەلىشى تەس، شۇڭا ئەمەلىي قوللىنىش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ.
«ئەگەر ئۆزى ياسىغان پاسىلداق قۇتىنى سىگنال كۈچەيتكۈچ قىلىشقا توغرا كەلسە، قويۇلغان ئورۇننى كۆڭۈل قويۇپ تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ، بولمىسا ئۈنۈمى ئەكسىچە بولۇپ قالىدۇ. ئورۇنغا توغرا قويۇلمىسا، سىگنال ئاجىزلاپ كېتىدۇ»، دېدى بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ دوتسېنتى يەن خۇەيجى.
كېڭەيتىپ ئوقۇش
Wi -Fi سىگنالىنى كۈچەيتىشتە ھەقىقەتەن كىچىك ئەپچىل چارىلەر بار
ئۇنداقتا، Wi -Fi سىگنالىنى كۈچەيتكىلى بولامدۇ؟ قانداق قىلغاندا توغرا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدۇ؟
«نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، Wi -Fi سىگنالىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇ». يەن خۇەيجى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: Wi -Fi بىر خىل قىسقا ئارىلىقتا سىمسىز تور يوللاش ئۆلچىمى تېخنىكىسى، Wi -Fi سىگنالى ماھىيەتتە دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئىنتايىن قىسقا بولغان سىمسىز ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى. ئادەتتىكى ئۆي ئىچى مۇھىتىدا، سىمسىز ئۈسكۈنىلەر قوبۇل قىلغان Wi -Fi سىگنالى ئاساسلىقى قايتۇرۇش، ئايلىنىپ تارقىلىش، ئاستا تارقىلىش ھەمدە تېشىپ ئۆتۈپ تارقىلىشتىن ئىبارەت تۆت خىل تارقىلىش شەكلى ئارقىلىق تارقىلىدۇ. شۇڭا، ئومۇمەن يۇقىرىقى تۆت خىل تارقىلىش ئۈنۈمى ھەم قاتلىنىش ئۈنۈمىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى Wi -Fi سىگنالىنىڭ تارقىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، لى خەي مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: Wi -Fi روتېرىنى قەرەللىك قايتا قوزغىتىش، ئالماشتۇرۇشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. «بىراق Wi -Fi تېخنىكا ئۆلچىمىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز، ئەگەر ئۆيدىكى روتېر نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى سېتىۋېلىنغان بولسا، ئۇ ئەڭ يېڭى سۈرئەت ئۆلچىمىنى قوللىماسلىقى مۇمكىن، ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ»، دېدى ئۇ.
«بەزى Wi -Fi روتېرلىرىنىڭ تور سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولۇشى ئۈسكۈنە ئۇلاش ئېغىزىغا چاڭ- توزان يېپىشىپ قېلىپ، تور سىمىنىڭ تېگىشىشى ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. ئىسپىرت بىلەن روتېرنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزىنى سۈرتۈپ، تور سىمىنىڭ تېگىشىش ھالىتىنى ياخشىلاپ، تور سۈرئىتىنى نورماللاشتۇرغىلى بولىدۇ». يەن خۇەيجى مۇنداق دېدى: ئىسپىرتنىڭ تۇرۇبا سۈيىگە قارىغاندا پاسكىنا نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسان پارلىنىپ كېتىدۇ. سۇ ئىشلەتكەندە، قالدۇق سۇ ئاسانلا ئۈسكۈنىنىڭ ماس بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (پەن- تېخنىكا گېزىتى مۇخبىرى تاڭ فاڭ)
(تۈگىدى)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)