چېن يۈچىڭ
ۋاقىتنىڭ چاقى ھېچكىم ئۈچۈن توختاپ قالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن ھاياتلىق سەپىرىمدىكى ئاشۇ ئىللىق دەقىقىلەرنى قەلبىمدە مەڭگۈلۈك چىڭ ساقلاپ قويدۇم. مەن دېرىزە ئالدىدا تۇرۇپ، ئاشۇ ئېقىن سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ھېس قىلدىم.
− بېغىشلىما
بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمى كۈنى مېنىڭ 15 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۆتكەن 14 يىلغا ئوخشاش، موماممۇ ئۆز قەرەلىدە يېتىپ كەلدى.
كەچلىك تاماقنى خۇشال- خۇرام يەپ بولغاندىن كېيىن، چوڭلار ئۆزلىرىنىڭ پارىڭىغا چۈشتى، مەن ئۆيدىن چىقىپ يېزىدىكى چىغىر يولدا سەيلە قىلىپ ماڭدىم. يۇەنشياۋ بايرىمى كۈنى، يېزىلاردا «چىراغ يېقىش» ئادىتى بار ئىدى، چىغىر يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە شاملار قادىلىپ كەتكەن بولۇپ، 15 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمگە بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان شېئىرىي تۈس قوشۇلغانىدى.
قانچىلىك ماڭغىنىمنى بىلمەيمەن، مەن ئۆيدىن خېلى يىراقلاپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. باش باھار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئازراق سوغۇق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچ ۋاقتى بولغاچقا، تېمپېراتۇرا تېخىمۇ تۆۋەن ئىدى. مەن قېلىنراق كىيىنىپ چىقمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم، پەقەت ئىككى قولۇم بىلەن بىلىكىمنى قۇچاقلاپ ئۇۋۇلاپ، بەدىنىمنى ئىسسىتىشقا تىرىشتىم. بۇ چاغدا مومام كەينىمدىن يېتىشىپ كەلدى، قولىدا ئۆزىنىڭ بىر پەلتوسىنى ئېلىۋالغانىدى. مومام ھاسىرىغىنىچە، ماڭا پەلتونى يىپىنچاقلىتىپ، سىيرىتمىسىنى ئېتىپ، مويلۇق ياقىسىنى تۈزەشتۈرۈپ: «كەچتە سوغۇق، تېز كىيىۋالغىن، زۇكامداپ قالما»، دېدى. مەن مىننەتدارلىق بىلەن مومامغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم، لېكىن ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن كىيىم تۈزەشتۈرۈۋاتقاچقا، ماڭا قارىمىدى.
مومامنىڭ كىيىمىنى يىپىنچاقلاپ، پۈتۈن بەدىنىم مومامنىڭ پۇرىقى بىلەن ئورۇلۇپ، قەلبىمدە مەيىن دولقۇن كۆتۈرۈلدى. كاللامدا مومامغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلەر تۇيۇقسىز ئويغاندى، ئېسىمدە قېلىشىچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئاشۇ يېرىم كېچىلەردە، مومام ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئۇخلىمىغان، ئارام ئالمىغانىدى. مەن چارچاپ قالسام، مومام بىر ئىستاكان جۈخارگۈل چېيى ئەكىلىپ بېرەتتى؛ مەن توڭۇپ قالسام، ئۈستۈمگە يۇڭ ئەدىيال يېپىپ قوياتتى؛ ئۇيقۇم كەلگەندە ماڭا: «سەھەر سائەت بىر بولدى، سالامەتلىك ئۆگىنىشتىن مۇھىم، تېز ئۇخلىغىن!» دەپ ئەسكەرتەتتى. ھازىر مەن چوڭ بولدۇم، موماممۇ ياشىنىپ قالدى، لېكىن ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى ۋە غەمخورلۇقى ئازراقمۇ ئازايمىدى.
يول بويىدىكى شاملارنىڭ نۇرى مەيىن شامالدا يېنىك تەۋرىنىپ تۇراتتى، شۇ دەقىقىدە، مەن مومامنىڭ كۆزىگە سىنچىلاپ قاراپ، شام يورۇقىنىڭ مومامنىڭ چوڭقۇر كۆز قارىچۇقىدا پالىلداۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ يۈزى ۋە قوللىرىنى تال- تال قورۇقلار قاپلىغان بولسىمۇ، كۆزلىرى يەنىلا سۈزۈك ھەم نۇرلۇق بولۇپ، نەزەرىدىن مېھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى. مومامنىڭ كۆز قارىچۇقىدىن، مەن خۇددى ئىلگىرىكى گۆدەك ئۆزۈمنى ۋە ياش، نازاكەتلىك مومامنى كۆرگەندەك بولدۇم.
كېچە بەك قاراڭغۇ بولۇپ كەتتى، لېكىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلار كۆزنى چاقنىتىپ جىمىرلىشاتتى. مەن كۆز ياشلىرىم نەمدىگەن كىرپىكلىرىمنى سۈرتۈپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېتىپ، ئىلدام مېڭىپ مومامغا يېتىشىۋالدىم ھەمدە ئۇنى بىلىكىدىن قولتۇقلاپ، «بىللە ئۆيگە قايتايلى، موما!» دېدىم.
كېچە توختام سۇدەك تىنچ بولۇپ، يېزىدىكى چىغىر يولدا پەقەت مومام ئىككىمىزنىڭ يېنىك ئاياغ تىۋىشى ۋە نەپەس ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى. مەن يېنىمدىكى مومامغا قىيا بېقىپ، ئىچىمدە: «سىزنىڭ ماڭا ھەمراھ بولغىنىڭىزغا رەھمەت، مېنىڭ يىللىرىمنى ئىللىتتىڭىز»، دېدىم.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خۇنەن ئۆلكىسى يىياڭ شەھەرلىك 14- ئوتتۇرا مەكتەپ
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)