«24 مەۋسۇم . قېلىن قار . نېفىتلىك مەنزىرىسى» (ئاپتور: قاراماي شەھەرلىك 16- ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئابدۇۋارىس ھەزرىتىلى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: لى مياۋمياۋ)
«بىزنىڭ بايرىمىمىز . پوجاڭزا ئېتىش» (ئاپتور: يېڭىشەھەر ناھىيەلىك 1- ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىدىن سۈبھىنۇر ھۈسەنجان، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ۋاڭ خۇڭيىڭ)
«بىزنىڭ بايرىمىمىز. شاد- خۇراملىق ئىلكىدە بىرلىكتە ئاينى تاماشا قىلىش» (ئاپتور: خوتەن ناھىيەلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپتىن مۇيەسسەر مەتبۇللا، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: شۈ مىن)
«2035- يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش . ئالەم ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى شاكىچىك» (ئاپتور: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 5- ئوتتۇرا مەكتەپتىن مولدو جۇمابېك، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: شياڭ يەنخۇا)
«گۈزەل ماكان . شىنجاڭنىڭ تاغلىرى سۈرەتتەك گۈزەل»(ئاپتور: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 5- ئوتتۇرا مەكتەپتىن چۇەن يۈندو، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: شى ۋېيلى)
«گۈزەل ماكان . ئۆرۈك چېچەكلىرى ھۈپپىدە ئېچىلدى»(ئاپتور: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12- باشلانغۇچ مەكتەپتىن لى رويەن، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: شۈ جيەنمىن)
«2035- يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش . تېز سۈرئەتلىك يولدا مېڭىش» (ئاپتور: قەشقەر شەھەرلىك شەرقىي شەھەر 7- تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن نازىلە ئابدۇكېرىم، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جىن جۈەنجۈەن)
بۇ يەردە مېۋە- چېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان بولۇپ، قوي- كالىلار توپ- توپ بولۇپ ئوتلىشىپ يۈرەتتى، بۇ يەردە ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، يوللار راۋان ئىدى، بۇ يەردە دەل- دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان بولۇپ، بازارلار قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، بۇ يەردە ناخشا- ئۇسسۇللار قىزىغان بولۇپ، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق نامايان بولۇپ تۇراتتى، بۇ يەردە يېزا- كەنتلەر گۈزەل بولۇپ، خەلق ئەمگەكچان ئىدى، بۇ يەر ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى... مانا بۇ «بالىلار سىزغان شىنجاڭ» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىگە قاتناشقان كىچىك ئاپتورلار سۈرەتلىگەن گۈزەل شىنجاڭ.
شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىشىپ «بالىلار سىزغان شىنجاڭ» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن رەسىم ئەسەرلىرىنى توپلىدى. بۇ، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىنىڭ ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر، بالىلار ئۈچۈنلا بەرپا قىلغان مەخسۇس سەھىپە. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك سىجىل كۈچەش ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا زور ئىنكاس قوزغاپ، تەدرىجىي ھالدا شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىدىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ۋە مەدەنىيەت ماركىسىغا ئايلاندى.
بۇ پائالىيەت باشلانغاندىن بۇيان، ئايرىم- ئايرىم ھالدا «2035- يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» «24 مەۋسۇم» «بىزنىڭ بايرىمىمىز» «گۈزەل ماكان» يىللىق باش تېما قىلىنىپ رەسىم ئەسەرلىرى توپلاندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى 2000دىن ئارتۇق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى قاتنىشىپ، 20 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق رەسىم ئەسىرى ئەۋەتتى.
كىچىك ئاپتورلار ئىجادىيەت داۋامىدا نەزەرىنى جۇڭخۇا زېمىنىغا ئاغدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سەمىمىي رەسىم قەلىمى بىلەن يۇرتىدىكى گۈزەل تۇرمۇشنى سۈرەتلەپ، ۋەتەننىڭ گۈزەللىكىنى مەدھىيەلىدى. ھەربىر رەسىم ئەسىرى گەرچە سەبىيلىككە تولغان بولسىمۇ، ئەمما بەخت مېلودىيەسى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان بولۇپ، بالىلارنىڭ نەزەرىدىكى رەڭگارەڭ تۇرمۇش نامايان بولۇپ تۇراتتى، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن گۈزەل تۇرمۇش نامايان بولۇپ تۇراتتى، ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىدىغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تارىخى ئۇزاققىچە داۋاملاشقان يېڭى دەۋر مەنزىرىسى نامايان بولۇپ تۇراتتى.
ھەر مىللەت ياش- ئۆسمۈرلەر «بالىلار سىزغان شىنجاڭ» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ ئۇرۇقى ئۇلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ بىخ سۈردى، چېچەكلەپ مېۋە بەردى. بۇ تەسىرلىك، جانلىق بولغان، سەمىمىي چىن ھېسسىياتقا باي ئەسەرلەردىن بىز ھەر مىللەت ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۆرۈپ يەتتۇق، شۇنداقلا بىزنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا چوڭقۇر رىغبەتلەندۈرمەكتە.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)