ياشلىق باھارنى ئۇرغۇتۇپ، ئارزۇنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش
01:15:29 2024-05-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

5- ئاينىڭ 2- كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىسى ما شياۋلىن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى چۈشەندۈرمەكتە. ما شياۋلىن سانجى شەھىرى ئەرليۇگۇڭ بازىرى خۇڭشىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى بىلەن ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلات ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلەپ، يىلدا 30 مىڭ مو ئېتىزنى پەرۋىش قىلىپ، كەنتتىكى داڭلىق «ئۇچقۇر» دېھقان بولۇپ قالدى. لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

5- ئاينىڭ 3- كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ بېھىشباغ يېزىسى چىنەباغ كەنتىدىكى مېۋە- كۆكتات پارنىكىدا، پىدائىيلار توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىچىك ئاسما تاۋۇز سېتىشىغا ياردەملىشىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرمەكتە. ۋۇ لې فوتوسى

4- ئاينىڭ 30- كۈنى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدا، غەيرەت- شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار سىنىپتىن چىقماقتا. بۇ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ %60تىن ئارتۇقى نېفىت، نېفىت خىمىيە ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتى، %50كە يېقىنى شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىدى.  سۈي ۋېنجۈەن فوتوسى

5- ئاينىڭ 2- كۈنى، 2023 − 2024- يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئۆز مەيدانىدا شىنجاڭ يىلىتې كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدا 125:90دىن ئىبارەت زور نومۇر پەرقى بىلەن جېجياڭ چيۇجوۋ جىنزۇ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زۇ يى فوتوسى

4- ئاينىڭ 30- كۈنى، مائارىپقا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا دەرستىن سىرتقى بىلىملەرنى چۈشەندۈرمەكتە. 2017- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ھەر يىلى غەربىي رايون پىلانىدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرى ۋە مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىگە مائارىپقا ياردەم بېرىش- يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتتى، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

4- ئاينىڭ 29- كۈنى، تەتقىقاتچىلار كىرىستال قۇرۇلمىسىنى سىناق قىلماقتا. يېقىندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا- خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ يورۇقلۇق ئېلېكتىر فۇنكسىيەلىك كىرىستال ماتېرىيالى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى 28- نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلىرى 4- ماي مېدالى كوللېكتىپى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. بۇ كوللېكتىپ شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان 17 يىلدىن بۇيان، كۆپ دولقۇنلۇق يورۇقلۇق ئېلېكتىر فۇنكسىيەلىك كىرىستال ماتېرىيالى بويىچە تەتقىقاتنى قانات يايدۇردى، نەتىجىسى دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى جىشېن

 ياشلار 5- ئايدىكى گۈل دېڭىزى، خۇددى باھار غۇنچىلىرىدەك چېچەكلىگەن، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن. شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق كەڭ قوينىدا، ئۇلار خۇددى ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا ئوخشاش جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە، چەكسىز ئۈمىدكە تولغان. ئۇلارنىڭ ئايىغى ئاستىدىكىسى مۇنبەت تۇپراق، زىممىسىدىكىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسى، ئۇلار ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارى ئارقىلىق يېڭى دەۋرنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

 ياشلار دۆلەتنىڭ روھى. ياشلار جۇڭخۇانىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. ياشلار كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. يېڭى دەۋرنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قوڭغۇرىقى چېلىندى، ياشلار ئەقىل- پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى بىلەن قاينام- تاشقىنلىققا تولغان تارىخىي يۆگىمە رەسىمگە ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى سىزىپ چىقتى. ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇپ، ئۇلار «دەۋر يۈكلىگەن زور مەسئۇلىيەت»تىن ئىبارەت دەۋر بۇرچىنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ رىتىمىنى ياراتتى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا، ياشلىق باھارى قىياپىتى ھەر خىل بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى، ئارزۇغا ئىنتىلىش ئىرادىسى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى. شىنجاڭ تۇپرىقىدا، ياشلار تىيانشاندەك مەزمۇت، بۇلۇتتەك ئەركىن، باھار شامىلىدەك ئىللىق بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر مەقسەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياشلىق باھارىنى ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىدا ئەڭ نۇرلۇق قىياپەتتە نامايان قىلماقتا!

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125