ياشلىق باھارىمىزنى قەلەم قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ دەۋر يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقايلى
01:26:39 2024-05-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

ياشلىق باھار چەكسىز ئۈمىد يېتىلدۈرىدۇ، ياشلار گۈزەل ئەتىنى يارىتىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىدە، بىز يەنە 4- ماي ياشلار بايرىمىنى كۈتۈۋالدۇق. 4- ماي روھى باشتىن- ئاخىر مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىنى يورۇتۇپ كەلدى، شۇنداقلا زامانىمىزدىكى ياشلارنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشقا يېتەكلىمەكتە، رىغبەتلەندۈرمەكتە.

دەۋر ئوخشاش بولمىسىمۇ، ياشلىق باھار تومۇرداش بولۇپ كەلدى. ياش بىر ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ، مەيلى ئىلگىرى، ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، جۇڭگو ياشلىرى باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاۋانگارت كۈچ، كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش باشتىن- ئاخىر ئىزچىل داۋاملىشىدىغان ياشلىق بۇرچى. بۈگۈن، بىز ياشلىق باھارغا ھۆرمەت بىلدۈرەيلى، شۇنداقلا جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتىگە ھۆرمەت بىلدۈرەيلى، جۇشقۇن، ھەيۋەتلىك دەۋرگە ھۆرمەت بىلدۈرەيلى.

يېڭى دەۋر ياشلىق باھارنىڭ سەھنىسى. يېقىندا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 28- نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4- ماي مېدالى»نى تارقاتتى،بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن بىر شەخس، بىر كوللېكتىپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ ئالاھىدە شان- شەرەپتە نامايان بولغىنى ياشلىق باھارنى ئۇرغۇتىدىغان تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ياشلىق باھارنى قەلەم قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن سىزىلغان دەۋر يۆگىمە رەسىمى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ئالاھىدە شان- شەرەپ يەنە ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ ئۆز غايىسىنى دۆلەت يۆنىلىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەنلىكى، قىممەت ئىنتىلىشىنى دەۋر ئېھتىياجىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئۇيغۇنلاشتۇرغانلىقىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى. بۇ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ياشلىق باھارغا بەرگەن ئېنىقلىمىسى، شۇنداقلا، ياشلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

كۈرەش قىلىش ياشلىق باھاردىكى ئەڭ يارقىن ئاساسىي رەڭ. قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىغا نەزەر سالساق، نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ياشلار مۇستەھكەم غايە- ئېتىقادى، ئوتتەك ياشلىق باھارى ئارقىلىق دۆلەت ئېھتىياجى، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق شىنجاڭ تۇپرىقىدا چوڭقۇر ھەم جۇشقۇن ياشلىق باھار مەدھىيە ناخشىسى پۈتمەكتە. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا- خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى يورۇقلۇق ئېلېكتىر فۇنكسىيەلىك كىرىستال ماتېرىيالى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئاران 29 ياش بولۇپ، ئۇلار پەن- تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، دۇنياۋى يۇقىرى پەللىگە باتۇرلۇق بىلەن يۈرۈش قىلىپ، بۇ قېتىمقى «جۇڭگو ياشلار 4- ماي مېدالى»غا شەرەپ بىلەن ئېرىشتى؛ شامالدەك تېز يۈگۈرىدىغان 17 ياشلىق ئۆسمۈر ئەلىشىر ئۆمەر ئارزۇغا ئىنتىلىپ، جاپاغا چىداپ مەشىقلىنىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقە مەيدانىدا كارامىتىنى نامايان قىلدى؛ 2000- يىللاردا تۇغۇلغان يىگىت مۇرادىل تۆمۈرجان كۆنچى دەرياسى بويىدىن نەنشادىكى ئارال ۋە خادا تاشلارغىچە بېرىپ، ۋەتەن ئۈچۈن مۇقەددەس دېڭىز تەۋەسىنى قوغداپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا قالتىس تۆھپىلەرنى قوشتى؛ 95- يىللاردا تۇغۇلغان «كاۋاپچى يىگىت» سېيىتئەزىز نۇرمەمەت سۇغا چۈشۈپ كەتكەن شوپۇرنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىشقا كۈچ قوشتى؛ 90- يىللاردا تۇغۇلغان «قۇندۇز مەلىكە» چۇ ۋېنۋېن تىكەن بىلەن تولغان ئېگىز تاغ، ئورمانلىقتا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداپ، ياشلىق باھارغا خاس كەڭ قورساقلىق بىلەن بارلىق شەيئىلەرنى قەلبىگە پۈكتى... ياشلىق قەسىمى غايە- ئېتىقادقا ئىنتىلگەنلىكتىن ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملىنىدۇ، ياشلىق قىياپىتى جان تىكىپ كۈرەش قىلغانلىقتىن يۇلتۇزلاردەك چاقنايدۇ. ھەربىر ياشنىڭ جان تىكىپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق ھەيۋەتلىك دەۋر ئېقىمى مۇجەسسەملىنىدۇ، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

دەۋرنىڭ «يېقىشلىق شامىلى»غا تايىنىپ، ياشلىق باھارنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يۈرۈش قىلىش. شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى بۇرچ شەرەپلىك ھەم مۈشكۈل، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتتە داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا سۈرئەت تېزلىتىلدى... ھازىر، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمى مەزمۇت ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلۇغۋار پىلان ھەر مىللەت ياشلارنى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، كەلگۈسى پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرماقتا. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆزىنىڭ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا سىڭدۈرۈپ، دەۋر بىلەن قەدەمداش بولۇپ، ۋەتەن بىلەن تەقدىرداش بولۇپ، خەلق بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغاندىلا، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى، كىشىلىك ھايات قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ياشلىق باھار گۈزەل مەنزىرە، جۇلالىق مەزگىل بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قىزغىنلىق، جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالغان مەزگىل. يېڭى دەۋردىكى غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش بۇرغىسى كىشىلەر قەلبىنى روھلاندۇردى، شىنجاڭدا قابىلىيەتنى نامايان قىلىدىغان سەھنە چەكسىز كەڭ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستىقبال چەكسىز پارلاق، كەڭ ياشلار مۇقەررەركى پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە، مۇقەررەركى يەنە نى- نى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. ھەر مىللەت ياشلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، شانلىق مەنزىلگە قاراپ تېز ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى كەڭ تۇپراقتا غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە ياراتسىلا، چوقۇم قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە تېخىمۇ يارقىن ياشلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرالايدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125