جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى بېغىشلايلى
10:56:56 2024-05-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 − 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 105 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز

  خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

جۇڭگو زېمىنىدا گۈل- گىياھ ۋە دەل- دەرەخلەر بۈك- باراقسان ئۆسۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى. بۈگۈن 4- ماي ياشلار بايرىمى، شۇنداقلا 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 105 يىللىق خاتىرە كۈنى. بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ياشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ، 4- ماي پېشۋالىرىنىڭ ئالىيجاناب ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە ئىنقىلابىي روھىنى ياد ئېتىپ، 4- ماي روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش ئارقىلىق گۈللىنىش كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز.

1919- يىلى پارتلىغان 4- ماي ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر زور ۋەقە بولۇپ، قۇدرەتلىك كۈچى ئارقىلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى ھەم ئىشەنچىنى قوزغاتتى. 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 4- ماي ھەرىكىتىگە «ئىلغار ياش زىيالىيلارنى ئاۋانگارت قىلغان، كەڭ خەلق ئاممىسى قاتناشقان، جاھانگىرلىككە، فېئوداللىققا ئۈزۈل- كېسىل قارشى تۇرغان بىر مەيدان ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنقىلابىي ھەرىكەت، جۇڭگو خەلقى مىللەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش، مىللەتنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغداش، مىللەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن قوزغىغان بىر مەيدان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابىي ھەرىكەت، يېڭى ئىدىيە، يېڭى مەدەنىيەت، يېڭى بىلىم تارقىتىدىغان بىر مەيدان ئۇلۇغ ئىدىيەدە ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋە يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى» دەپ يۈكسەك باھا بەردى. بۇ مەيدان ئۇلۇغ ھەرىكەت جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولدى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگودا كەڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگونىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىدىيە جەھەتتە، كادىرلار جەھەتتە تەييارلىق قىلدى، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشىغا ئىنتىلىش تارىخىي مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. 4-  ماي ھەرىكىتىدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋەتەننى سۆيۈش، ئالغا بېسىش، دېموكراتىيە، ئىلىم- پەندىن ئىبارەت 4- ماي روھىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو ياشلىرى ئۇدا كۈرەش قىلىپ، زەپەر مارشى ياڭرىتىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ئارقىلىق ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان جۇڭگو، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان مىللەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە جۇشقۇن ياشلىق مېلودىيەسىنى ياڭراتتى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، كەڭ ئېتىزلاردىن كارخانا سېخلىرىغىچە، پەن تەتقىقات بىرىنچى سېپىدىن قار- شىۋىرغانلىق چېگرا ئۆتكەللىرىگىچە... كەڭ ياشلار بوران - چاپقۇندىن قورقماي، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ياشلىق قىزغىنلىقى بىلەن «ساپ مۇھەببىتىم پەقەت جۇڭگو ئۈچۈندۇر» دېگەن دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، ياشلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» دېگەن جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ياشلىق باھارىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا ئۆزگىچە جۇلالاندۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى يارايدۇ، چوڭ ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ!

پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، جۈملىدىن كەڭ ياشلارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، داۋاملىق تۈردە داۋانلاردىن ئۆتۈشىگە، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە توغرا كېلىدۇ.» مىللەتنى گۈللەندۈرۈش نىشانىغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، شۇنچە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ، شۇنچە ھەسسىلەپ تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ، كەڭ ياشلارنى كۈرەش قىلىشقا شۇنچە سەپەرۋەر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. «ئەتىكى جۇڭگودا ئۈمىد ياشلارغا باغلانغان.» پۈتكۈل ئىجتىمائىي كۈچلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ جۇشقۇن كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى دەۋر جۇڭگو ياشلىرى تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ياشلىق باھارىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ۋە ئىجادكارلىقى ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۆركەشلىگەن باھار دولقۇنىنى مەۋج ئۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى بېغىشلىشى كېرەك.

«ئادەم ھاياتىدا ھەممە ئىشنى ئۆزى باشتىن كەچۈرۈپ قىلىپ بېقىشى كېرەك، پەقەت بوشاشماي ئىزچىل تىرىشقاندىلا، ئاندىن قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.» ياخشى دەۋرگە توغرا كەلگەن، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان يېڭى دەۋر جۇڭگو ياشلىرى ئىرادىدىن قايتماي يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇشتەك شىجائەتكە ئىگە بولۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىشتەك قەتئىيلىككە ئىگە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا تىرىشىپ يېڭى يول ئېچىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، باش رولچى بولۇپ، ياشلىق باھارىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش داۋامىدا چاقنىتىشى كېرەك؛ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەردىن، يول ئاچقۇچىلاردىن، ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلاردىن بولۇپ، ياشلىق باھارىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇسابىقە يولىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك؛ بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەش، چىن مەنىسىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈش، كۆپ ئىشلارنى كۆرۈش داۋامىدا قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قاتتىق ئومۇرتقا، تۆمۈر يەلكە، ھەقىقىي قابىلىيەتنى چېنىقتۇرۇپ، ياشلىق باھارىنىڭ رەڭدار گۈللىرىنى پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى دەۋر جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئەجدادلارغا بېرىدىغان ئەڭ ياخشى تەسەللىسى، تارىخقا بولغان ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى بولسا يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا قەتئىي ياخشى مېڭىش.» يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆز غايىسىنى ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى بىلەن، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلاردىن، 4- ماي روھىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن بولغاندىلا، يېڭى دەۋر جۇڭگو ياشلىرى چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدە ياشلىق ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇپ، ئەجدادلارغا يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان سەلتەنەتلىك سەھىپىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125